تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتى «بەش 1 مىليون مولۇق» ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئومۇمىي پىلانلانغان ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 5 مىليون 564 مىڭ 200 مو بولۇپ، 5 مىليون 222 مىڭ 400 مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملاندى. ئەڭ دەسلەپكى «ئاۋۋال بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى بىنا قىلىپ، ئاندىن ئىقتىسادىي ئورمان بىنا قىلىش»تىن «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش بىلەن ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈش»كىچە، يەنە «سىستېمىلىق تۈزەش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»كىچە بولغان يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالما، ياڭاق، چىلان، نەشپۈت، ئۆرۈك ئاساس قىلىنغان خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 4 مىليون 500 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، مەنزىرە ئورمىنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورماننى ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاندى. ئىلگىرىكى قۇم-بوران مەنبەسى ئېكولوگىيەلىك توسۇققا ئۆزگىرىپ، چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرى سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى (خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى) لىنخەي مەھەللىسى فېڭچىڭيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالمىزارلىقى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، باغۋەنلەر ئاقسۇ شەھىرى سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى (خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى) لىنخەي مەھەللىسى فېڭچىڭيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالمىزارلىقىدا ئالما دەرىخىنى پەرۋىش قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرى سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى (خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى) لىنخەي مەھەللىسى چۆللۈكنى كۆكەرتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاقسۇ شەھىرى سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى (خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى) لىنخەي مەھەللىسى فېڭچىڭيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالمىزارلىقىدا ئالما چېچەكلىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.