تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مايگۈل ئايتقازى

   خەنلىن كىتابخانىسىنىڭ ئېچىلغىنىغا 30 يىل بولدى، شىخەنزىلىك نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىدە بۇ يەر ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلىرى بۇ يەردە كىتاب كۆرۈپ، كىتاب سېتىۋالغاندىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى يەنىلا بۇ يەردە كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ بىر ئوقۇش بوشلۇقى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى.

شىخەنزە خەنلىن كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.   شاڭ چياڭ فوتوسى

   بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، مەملىكەت بويىچە 50 كىتابخانا «يىللىق ئەڭ گۈزەل كىتابخانا» بولۇپ باھالاندى، خەنلىن كىتابخانىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى تىزىملىككە كىرگەن بىردىنبىر  كىتابخانا بولۇپ قالدى.

   1994-يىلى، شىخەنزە خۇڭشىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا ئاددىي بىر يايما ئېچىلدى، خەنلىن كىتابخانىسىنىڭ قەدىمى دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغان ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بۇ كىتاب يايمىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى يېنىدىن بىر دۇكاننى مۇقىم تىجارەت ئورنى قىلدى. 2004-يىلى، خەنلىن كىتابخانىسىنىڭ باش دۇكىنى رەسمىي قۇرۇلدى. 2020-يىلى 1-ئايدا، كورلا شىنخۇيجيا خەنلىن كىتابخانىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى؛ شۇ يىلى 8-ئايدا، ئارال خەنلىن كىتابخانىسى تىجارەت باشلاپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى، قاراماي شىنخۇيجيا خەنلىن كىتابخانىسىمۇ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 850 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دۇكاندا كىتاب سېتىش رايونىدىن باشقا، يەنە ئۆزگىچە قەھۋە، ئاددىي تاماق، سوغۇق ئىچىملىك ۋە تاتلىق-تۈرۈم ئىستىراھەت رايونى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش رايونى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش رايونى، مائارىپ تەربىيەلەش رايونى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق لېكسىيەسى پائالىيەت رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.

شىخەنزە خەنلىن كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.   شاڭ چياڭ فوتوسى

   خەنلىن كىتابخانىسىدىكى كىتاب جازىلىرى ئارىسىدا ئارىلاپ يۈرسىڭىز، بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇدا بولىسىز، كىتابقا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇۋاتقان قەلب جىمجىتلىقىنى ھېس قىلىسىز. «كىتابخانىمىزنىڭ بېكىتلگەن ئورنى شەھەر كىتابخانىسى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ياكى ئاھالىلەرنى ئازادە كىتاب ئوقۇش مۇھىتى ۋە كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى خەنلىن كىتابخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى شاڭ چياڭ. شىخەنزە شەھىرىدىكى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەنلىن كىتابخانىسى «ئوقۇش» «ئويناش» «ھۇزۇرلىنىش» «ياساش» ۋە «يېيىش»نى خاس شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى كەسىپ ھالىتىنى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنىڭ تەبىئىي رامكىسى ئىچىدە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈزۈپ، بىر-بىرىنى تولۇقلىتىپ، خېرىدارلار بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەت ئىستېمال ئورنىنى شەكىللەندۈردى. كىتابخانا يەنە قەرەللىك ھالدا تور سىرتىدا «شىخەنزە شەھىرى دېكلاماتسىيەچىلىرى» پائالىيىتى ۋە «يەلكەن كىتاب دەرسى» ئايلانما دەرسخانىسى ئويۇشتۇرۇپ، شىخەنزە شەھىرى خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

   «كىتابخانىمىزنىڭ كىتاب تۈرى مول بولۇپلا قالماي، لايىھەلەش جەھەتتىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىتابخانىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدۇق، كىتاب ئوقۇغان چاغدىكى ئازادىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئورۇن، چىراغ نۇرى قاتارلىق ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارغا نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدۇق» دېدى شاڭ چياڭ.

شىخەنزە خەنلىن كىتابخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.    شاڭ چياڭ فوتوسى

   بىر ئوقۇرمەن خەن لىن كىتابخانىسىغا مۇنداق باھا بەردى: «بىرىنچى قەۋەتتە ئايلىنىپ چارچاپ قالغاندا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ، لايىھە تۇيغۇسىغا تويۇنغان ئەينەك پەلەمپەي بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ، بىر ئىستاكان قەھۋە ۋە بىر پارچە تورت بۇيرۇتسىڭىز، ھېچكىم دەخلى قىلمايدىغان غەمسىز چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتتا، ياخشى كىتاب، مەززىلىك تائاملار ھەمراھ بولىدۇ، نېمىدېگەن راھەت!»

   باشقا ئەمەلىي كىتابخانىلارغا ئوخشاش، رەقەملىك ئوقۇش شارائىتىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاسان ئەمەس، شاڭ چياڭ تىجارەتچىلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى: «ئۇلار بىر تەرەپتىن كۈچلۈك رىقابەتچى، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھىمىز. يەنە بەزى ئورۇنلار كىتابخانىمىزنىڭ كۆركەم، قوللىنىشچان لايىھەسىنى كۆرۈپ، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى، كىتابخانىمىزنىڭ كەسپىمۇ كۆپ كېڭەيدى».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.