تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تىيانشان ئېتىكىدە يېڭى يېشىللىق بەرپا قىلىش

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يەن پېڭ فوتوسى 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار سۈي جىجيەن، سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئالما دەرىخى، تاشئالما دەرىخى، جاڭزىسۇڭ قارىغىيى قاتارلىق دەرەخلەرنى تىكىپ، قاقاسلىقنى كۆكەرتىپ ماكانىنى گۈزەللەشتۈردى.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا كۆچەت تىكمەكتە.
4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا كۆچەت تىكمەكتە.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈرۈمچىبەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچىشۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا كۆچەت تىكمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلدى. بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش، 4 مىليون 700 مىڭ مو يەرنى ئوت-چۆپ تېرىپ ياخشىلاش، چۆللەشكەن يەردىن 4 مىليون 500 مىڭ مونى تۈزەشنى تاماملاپ، يېشىل ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش پىلانلاندى.

​4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى−بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى−شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش.
4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى تىيانشان ئېتىكىدە كۆچەت تىكمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.