■ ① 1977- يىلى، توختاپ قالغىنىغا 11 يىل بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو جەمئىيىتىگە ئىلىم - پەن ۋە بىلىمنىڭ نۇرلۇق باھارىنى ئېلىپ كەلدى. سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
■ ② 1979- يىلى كۈزدە، يەكەن ناھىيەسىدىكى مول ھوسۇل ئالغان دېھقانلار خۇشاللىق بىلەن كوللېكتىپقا ئاشلىق تاپشۇرماقتا. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى.
■ ③ 1986- يىلى 7- ئايدا، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرداۋچاۋ بازىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، تۈرلۈك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، بازارلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىدى، بىر تۈركۈم يەككە تىجارەتچىلەر ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىدى.
■ ④ 1979- يىلى، شىخەنزە «1- ئاۋغۇست» يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئىلمە يىپ (يۇڭ يىپ) توقۇش سېخىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، سىرتقا سېتىشقا تەييارلانغان ھەر خىل رەڭلىك كەشمىر يۇڭ يىپلار.
■ ⑤ 1982- يىلى 11- ئايدا، ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش شەرەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش نومۇس دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
■ ⑥ 1983- يىلى 11- ئايدا، قورغاس پورتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى.
■ ⑦ 1979- يىلى، غۇلجا شەھەرلىك خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى.
■ ⑧ 1986- يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش بۇرجىكى.
■ ⑨ 1989- يىلى قىشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى خوڭسەن سودا سارىيى ئۆتكۈزگەن مودا كىيىملەرنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى.
■ ⑩ 1984- يىلى، جۇڭگو نېفىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بىر يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت قۇدۇقى قازدى، شۇنىڭ بىلەن تارىم نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.
■ ⑪ 1979- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى.