ئاپتونوم رايون 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى. [تەپسىلاتى]

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى [تەپسىلاتى]

چاغان سىلەر بولغاچقا ئىللىقلىققا تولدى

ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام ھالدا كاتتا بايرام چاغاننى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، بىر تۈركۈم كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇپ جاپالىق ئىشلىدى. ئۇلار ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەپ، بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلدى. [تەپسىلاتى]

مەدەنىيەت تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش قار - مۇزدا خۇشال ئويناش

شىنجاڭ بويىچە «شىنجاڭ ياخشى جاي − بەختلىك تۇرمۇش، بەختلىك يىل» باش تېما قىلىنىپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايراملىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. [تەپسىلاتى]

شىنجاڭلىق ئارتىسلار 2021-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە كۆزنى چاقناتتى

بۇ يىلقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە شىنجاڭلىق ئارتىسلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇڭ لىيا بىلەن دىلرابامۇ بار، يەنە يېڭى ماھىر رەشىدە ھەسەنجان قاتارلىقلارمۇ بار. [تەپسىلاتى]

پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى

ناخشا كېچىلىكى، «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، پانۇس سەيلىسى، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاش... شاد - خۇراملىق ئىچىدە كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولدى. [تەپسىلاتى]

ئىجىل-ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى▏ جۇۋاۋا تۈگۈپ، كەلگۈسى ھەققىدە پاراڭلىشىش

ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت يېرخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلىدىكى بەش جان بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى. [تەپسىلاتى]

تېكەس ناھىيەسىدە «بۇلۇت چاغان مۇبارەكلەش» بايرام ئۆتكۈزۈشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى

تېكەس ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما تېلېفون، ۋېيشىن، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق چاغاننى تەبرىكلەپ، يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئازايتتى. [تەپسىلاتى]

ھەرقايسى جايلاردىكى «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە ياخشى ئويۇنلار كەينى - كەينىدىن ئوينالدى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا - كەنتلەر توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، يېزا - كەنت سەھنىلىرىدە ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت ئامما بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتەك خۇشال كەيپىياتنى تولۇق نامايان قىلدى. [تەپسىلاتى]

پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى

ناخشا كېچىلىكى، «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، پانۇس سەيلىسى، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاش... شاد - خۇراملىق ئىچىدە كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولدى. [تەپسىلاتى]