تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى

شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى نەق مەيدانى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان بارلىق دوستلارغا چاغانلىق بەخت ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جاپالىق تىرىشىشتىن كەلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ پايدىسىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

ليۇ ۋەنلۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار، بىر قىسىم پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى ھەمدە ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچىلەر كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.