تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى جايلاردىكى «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە ياخشى ئويۇنلار كەينى - كەينىدىن ئوينالدى

رىياسەتچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا - كەنتلەر توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، يېزا - كەنت سەھنىلىرىدە ئويۇن قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت ئامما بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتەك خۇشال كەيپىياتنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئەڭ ئېسىل مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى

ئۇلىغۇچى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جۇ ۋېي

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇقسالۇر يېزىسى چات كەنتىدىكى «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى»دە، 77 ياشلىق توقان ھېيت قومۇز (مىللىي چالغۇ)نى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن چېلىۋاتاتتى، ناخشا ساداسى ياڭراق، كۈچلۈك ئىدى. بوۋاي ئىجاد قىلغان «پارتىيەنىڭ سىياسىتى خەلقنىڭ كۆڭلىنى يورۇتتى» دېگەن ناخشا ئۇنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى: «پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەن ناخشام بىلەن پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى ياڭرىتىمەن».

«ئۆتمۈشنى خاتىرىلەش، ھازىرنى قەدىرلەش، كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش، بىزنىڭ <كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى>مىز كۆپچىلىككە قويۇق يۇرت مۇھەببىتى ۋە ئىللىق سۆيگۈنى ھېس قىلدۇردى» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك سودا - پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن چات كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى بىڭ.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى 12 مەدەنىيەت ئەترىتىدىن ئارتىسلارنى تاللاپ، قىرغىز مىللىتىنىڭ قومۇز ئېيتىشىشى، گىتار، ئاككوردىيون، ئېلېكتىرونلۇق رويال، سۇناي، بامبۇك نەي چېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز نومۇرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى.

چات كەنتىنىڭ «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» سىنغا ئېلىنىش ئارقىلىق، دوۋيىن، ۋىيبو، QQ توپى، ۋىيشىن توپى قاتارلىق سۇپىلارغا تارقىتىلدى، كەنت ئاھالىلىرى يان تېلېفونىدىلا كۆرەلەيدىغان بولدى.

«بىز كەنتكە قايتمىغان كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىگە <كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى>نى كۆرۈپ، يۇرتىنىڭ شاد - خۇراملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلاپ، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ يېزا مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدۇق» دېدى لى بىڭ.

پىدائىيلار «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى

ئۇلىغۇچى: بايىنغولىن گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جاۋ شۇاڭ

«بۇ يەردە بىز ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى سىلەرگە سوۋغا قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز!» 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغانىدى، بۇ يەردە بىر مەيدان ئاممىغا يېقىن «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

بۇ يىل پىلان تۈزۈشكە قاتناشقان خادىملار ئىچىدە، ئاساسلىق كۈچ شۇ جايدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى نىڭ ياڭنەن ئىدى.

نىڭ ياڭنەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىن بولۇپ، 2020 - يىلى 9 - ئايدا بازارغا بېرىپ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەسلىدە ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئۇ ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇۋېتىپ، دېھقانلار بىلەن كالا يىلىدىكى چاغاننى بىللە ئۆتكۈزدى.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت داشى كەنتىنىڭ «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»گە رېژىسسورلۇق قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى نىڭ ياڭنەنگە تاپشۇردى.

«<كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى>نى تۇنجى قېتىم پىلانلاپ، رېژىسسورلۇق قىلغاچقا، بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم، كۆڭلۈمدە چوقۇم كەنت ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان ياخشى كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، دەپ ئويلىدىم» دېدى نىڭ ياڭنەن.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، بازار كادىرلىرى، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئورۇنلىغان دېكلاماتسىيە، ئۇسسۇل، كۇەيبەن، ناخشا قاتارلىق نومۇرلار بىلەن «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئوڭۇشلۇق باشلاندى.

«پۈتۈن كېچىلىك مەيدانى ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولۇپتۇ. ئىشىك ئالدىدىلا بۇنداق ياخشى نومۇرلارنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ئىبراھىم «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى كۆرگەندىن كېيىن، باش بارمىقىنى چىقاردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، نىڭ ياڭنەننىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە تۇنجى قېتىم سىرتتا يالغۇز چاغان ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، لېكىن چاغانلىق كەيپىيات ناھايىتى قويۇق بولدى.

«بۇلۇت تېرمىنالى»دا «مەدەنىيەت چاغىنى»دىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىلدى

ئۇلىغۇچى: فۇكاڭ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ۋاڭ شياۋشۆ، سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ليۇ تيەنتيەن

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 20 دە، فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى ليۇيۈن مەركىزىي كەنتىنىڭ «بۇلۇتتىكى كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قاينام - تاشقىنلىق ئىلكىدە باشلاندى. مىللىيچە ئۇسسۇل، كىيىم مودېلى ماھارىتى كۆرسىتىش، كۇەيبەن، ئېتۇت... كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلغان نومۇرلارنى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاپ، بىر مەيدان سەھرا پۇرىقىغا تولغان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

شاد - خۇراملىققا تولغان باشلىنىش ئۇسسۇلى «قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە چاغان ئۆتكۈزۈش» چاغان پۇرىقىنى ئېلىپ كەلدى؛ ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد بىرلىكتە ئورۇنلىغان ئارىلاشما ئۇسسۇل «ياخشى كۈنلەر»دە زامانىۋى ئۇسسۇل بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى؛ دېكلاماتسىيە «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نۇر چاچتى»دا، ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ، كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

«<كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى> بەك ياخشى بولدى!» «پۇقرالارنىڭ سەھنىسى ئاممىغا يېقىن!» يۇرتداشلارنىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋىيشىن توپى قىزىپ كەتتى، ديەنزەن، باھالاشلار توختىماي ئەۋەتىلىپ، پۈتۈن ئېكراندا چاغان خۇشاللىقى ۋە شاد - خۇراملىق ئەكس ئەتتى.

فۇكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ليۇيۈن مەركىزىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالاھىدە پىلانلىغان بۇ مەيدان «بۇلۇتتىكى كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ۋىيشىن توپى، دوۋيىن قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى تور سىرتىدىن تورغا چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭ ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بەس - بەستە قوللاشقا ئېرىشتى.

50 ياشلىق ياڭ زىليەن ئائىلىسىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئارىلاشما ئۇسسۇل «ياخشى كۈنلەر»نى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، كېچىلىكتە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.

«بۇلۇتتىكى كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ليۇيۈن مەركىزىي كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا «مەدەنىيەت چاغىنى»دىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇردى، بۇ يىللىق چاغاندا چاغان كەيپىياتى قويۇق، مېھىر - مۇھەببەت چوڭقۇر بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق