جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى   لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2021 - يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، بىز مەغرۇرلىنىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق، بىر ئىزدا توختاپ قالساق قەتئىي بولمايدۇ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئېلىشىشىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى، ھەر ساھە زاتلاردىن تەخمىنەن 1000دەك كىشى خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە خۇشال، خاتىرجەم بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، ھەم كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان بوران - چاپقۇن، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەم چەكسىز ئىپتىخارلىنىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشلەر بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىدى، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، كەلكۈن - ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇردى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى، دۇنيادا ئالدى بىلەن يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن غەلىبە خەۋىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلىپ 100 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ كەڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر. بىز بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن روھ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرسىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرسىلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسىلا، مۇقەررەر مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، كالا ئىشچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى. كىشىلەر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشنى كالىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئوخشىتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى كالىنىڭ جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھىغا ئوخشىتىدۇ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداشنى كالىنىڭ چىدامچانلىق روھىغا ئوخشىتىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، چىدامچانلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپادىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان غەيرەت، كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن، ئاڭلىق ھالدا قەلبكە ئىرادىنى پۈكۈپ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرىمۇ بار. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.