2-ئاينىڭ 10-كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگمەكتە. شۇ كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش، بەخت تىلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، پانۇس ئېسىپ، چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.
نىياز راخمان فوتوسى
2-ئاينىڭ 10-كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان كالا يىلىدىكى چاغانغا يېڭى يىللىق پۇراق قوشتى.
جاڭ شيۇكې فوتوسى
2-ئاينىڭ 4-كۈنى لوپ ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت پىدائىيلىرى چارباغ بازىرىنىڭ قوچاقئېرىق كەنتىگە بېرىپ، مەدەنىيەت تېمى سىزىپ چاغاننى تەبرىكلىدى.
لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزىدىن مەمەت ئەلى فوتوسى
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى دەۋر مەيدانىدىكى «كىتاب بوشلۇقى» كىتابخانىسىدا خەتتاتلىق، قەغەز قىيما ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا چاغانلىق چۇنليەن يېزىپ، دېرىزە قىيىق گۈللىرىنى قىيىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىرلىكتە چاغان كۈتۈۋالدى.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى