تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش قار - مۇزدا خۇشال ئويناش

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋگاڭ، رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - تەرەپ ئىستاتىستىكا شىركىتىنىڭ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى جەمئىي 3 مىليون 409 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولغان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 2 مىليارد 591 مىليون يۈەن بولغان.

شىنجاڭ بويىچە «شىنجاڭ ياخشى جاي − بەختلىك تۇرمۇش، بەختلىك يىل» باش تېما قىلىنىپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايراملىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ھەرقايسى جايلار «شىنجاڭ ياخشى جاي − بەخت ناخشىسى، بەختلىك يىل» باش تېمىسىدىكى ناخشا - مۇزىكىلارنى كۆرسىتىش، ئاڭلىتىش، 2021 - يىللىق يېڭى ئىجادىي مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى، «جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» ناملىق چاغانلىق مۇزىكا كېچىلىكى، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق ئېسىل تور پائالىيەتلىرىنى توردا قانات يايدۇردى، كىشىلەر ئۆيىدىن چىقمايلا مەدەنىيەت كاتتا تائاملىرىدىن خۇشال بەھرىمەن بولدى.

«شىنجاڭ ياخشى جاي − 8 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى»نى چۆرىدەپ، ھەرقايسى جايلار توردا چاغانلىق چۇنليەن سوۋغا قىلىش، چاغانلىق ياغاچ ئويما رەسىم نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، چاغاننى كۈتۈۋېلىش فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭخۇا شىچۈ تىياتىرى چوڭ سەھنىسى، شىچۈ تىياتىرى كۆرگەزمىسى، يۇرتلاردىكى چاغاننى سىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بۇلۇتتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

مول، رەڭدار بولغان توردىكى پائالىيەتلەردىن سىرت، ھەرقايسى جايلار يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق، چاغانلىق رەسىم، چۇنليەن، شىچۈ تىياتىرى، لاي ھەيكەل ياساش ھۈنىرى، قالۇن سەنئىتى، خەنفۇ كىيىمى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش قاتارلىق مول، رەڭدار بولغان بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مۇز ئۈستىدە ماشىنا سوقۇشتۇرۇش، مۇز ئۈستىدە ۋېلىسىپىت مىنىش، ئىتقا چانا سۆرىتىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلىدە جەم بولۇپ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزدى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىدا، كىشىلەر چانىغا ئولتۇرۇش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇشنى كۆرۈش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

قار مەيدانىدا «خالىغانچە ئويناش» كىشىلەرنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستىراھەت تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، قاناس مەنزىرە رايونىغا قار - مۇز ساياھىتى قىلىپ دەم ئالغىلى بارغان كىشىلەرنىڭ سانى زور نىسبەتتە ئاشتى. كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 58 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، 58 مىليون 832 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق