ئانار بۇلۇت: تېكەس ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما تېلېفون، ۋېيشىن، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق چاغاننى تەبرىكلەپ، يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئازايتتى.
مۇخبىر تىكەس ناھىيەسىدىكى ئاھالە ليۇ يىنگاڭنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئىنىسى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، چاغانلىق سالام يوللىغانلىقىنى كۆردى.
ليۇ يىنگاڭ مۇنداق دېدى: ئۆيىمىزدە چاغان ئۆتكۈزىمىز، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان، خۇشال، ئىناق چاغان ئۆتكۈزىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە، توردا چاغان مۇبارەكلەش تېكەس ناھىيەسىدە يېڭى مودىغا ئايلاندى، كۆپچىلىك ۋىيشىن ئارقىلىق تىلەك تىلەش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كۈچ قوشتى.
بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن دۇڭ يىڭخې شاڭخەيدىكى قىزى بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىپ، قىزىغا ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەسلىكنى تاپىلىدى.
تېكەس ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ تېكەس بازىرى قوشكۆل مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جاڭ شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئالاھىدە چاغاندا، بىز ئاھالىلەرگە بايرام ئۆتكۈزۈشتە توپلىشىۋالماسلىق، يىغىلىۋالماسلىقنى ئەسكەرتىمىز. يېڭى بىر يىلدا، خىزمەت ئەترىتى داۋاملىق خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ سىردىشى بولىدۇ.
مەنبە: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر يەن جۈنچىن، پىراكتىكانت مۇخبىر شۇ گۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئوسمانجان