تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى

− تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ناخشا كېچىلىكى، «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، پانۇس سەيلىسى، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاش... شاد - خۇراملىق ئىچىدە كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ، پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ چاغان تەبرىكلەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي قويۇق چاغان كەيپىياتىغا تولدى.

«ھەممىمىزنىڭ بىر ئائىلىسى بار، ئىسمى ئۇنىڭ جۇڭگو، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار شۇنچە كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل بەكمۇ... » 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا، كەنت خور ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوللىرىدىكى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، بۇ تونۇش مېلودىيەنى ياڭراتتى، شۇ كۈنى، «خوتەن ناخشا كېچىلىكى: مىڭ كەنتتە بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش − جۇڭخۇانى سۆيىمەن» پائالىيىتى باشلاندى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ساداسى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خۇشال ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

«مىڭ كەنتتە بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش» پائالىيىتىدە كەنت بىرلىك قىلىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، دېھقان - چارۋىچى ئامما، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، خەلق سەنئەتكارلىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە خور ئەترىتى تەشكىللەپ، چاغان مەزگىلىدە توردا ئۆزئارا تەكلىپ قىلىپ ناخشا ئېيتىش، يېڭى تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بۇلۇت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشتى.

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئارشاڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ دالىمتى يېزىسى چاغانساي ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، ئەترەت «ئىككى كومىتېت»ى ئارشاڭ ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، چاغاننى كۈتۈۋېلىش «كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى.

«كەنت چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ مۇقەددىمىسى كىلاسسىك كىچىك خور «ئارشاڭ دەرياسى» بىلەن باشلاندى، ئاياللار كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «بەخت تىلەش»، ئەرلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «ئادۇچىن»، ئات باشلىق غېجەكتە ئورۇنلانغان مۇزىكا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»، يالغۇز كىشىلىك ئايالچە ناخشا «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش»، مىللىيچە ئۇسسۇل «قەلبىمدىكى قىزچاق» قاتارلىق قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلاندى. پائالىيەتتە مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىقلار قىستۇرۇلۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرى تارقىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى.

«پائالىيەتنىڭ شەكلى كۆپ خىل، نومۇرلىرى سەر خىل، ئاممىغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن. يېڭى بىر يىلدا، مەن تۇرمۇشىمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن» دېدى چاغانساي ئەترىتىدىكى چارۋىچى ئېرىسباي قىرىقباي.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ ھەربىر قەۋىتىگە «كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ قىزىل پانۇس ئېسىلغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى كىتاب سېتىۋالماقتا ئىدى. 3 - قەۋەتتىكى بالىلار كىتابلىرى زالىدا بالىلارنىڭ بەزىلىرى كىتاب جازىسىنىڭ يېنىدا كىتاب تاللاۋاتاتتى، بەزىلىرى يەردىلا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى، بەزىلىرى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، كىشىلەر كىتاب ھىدىغا تولغان رەڭگارەڭ دۇنياغا مەستخۇش بولغانىدى.

«بۈگۈن قىزىمنى ئېلىپ كىتاب شەھەرچىسىگە كېلىپ، ياخشى كۆرىدىغان بەزى كىتابلارنى سېتىۋالدۇق، دەم ئېلىشنى كىتاب ھىدى بىلەن ئۆتكۈزىمىز» دېدى شەھەر ئاھالىسى چىمەنگۈل قادىر. ئۇنىڭ ئون ياشلىق قىزى سۈمەييە ئېزىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، «دېڭىز ئاستى كىچىك كالونناسى» ناملىق رەسىملىك كىتابنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇۋاتاتتى. بۇ يىل چاغاندا ئۇلار سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلاشماي، تەتىلدىن پايدىلىنىپ كىتاب ئوقۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقچى بولغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كىتاب شەھەرچىسى ھەر كۈنى دۇكانغا كىرگەن ئالدىنقى 100 خېرىدارغا سوۋغا بېرىش، كىتاب سېتىۋالسا سوۋغا قىلىش ۋە كىتاب باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى كىتاب ھىدىغا تولغان چاغاننى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

(مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جيا چۇنشيا، بورتالا ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ۋاڭ لېلې)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى