تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق ئارتىسلار 2021-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە كۆزنى چاقناتتى

دىلرابا بۇ يىلقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە. (سۈرەت دىلرابا ۋېيبوسىدىن ئېلىندى)

توڭ لىيانىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئوبرازى. (سۈرەت تۇڭ لىيا خىزمەت ئۆيىدىن ئېلىندى)

   بۇ يىلقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە شىنجاڭلىق ئارتىسلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇڭ لىيا بىلەن دىلرابامۇ بار، يەنە يېڭى ماھىر رەشىدە ھەسەنجان قاتارلىقلارمۇ بار.

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باشلىنىش نومۇرى «ھەممە ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن»دا، تۇڭ لىيا c ئورۇننى ئىگىلىدى، نۇرغۇن تاماشىبىنلار ۋە تورداشلار يەنە تۇڭ لىيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيران قالدى، نۇرغۇن تورداشلار: توڭ لىيانىڭ بۇ خىل گۈزەللىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە بەك ماس كېلىدىكەن، دېيىشتى.

«دىلرابا بىلەن لى شيەننىڭ ئۇسسۇلى كىچىك بالىغا ئوخشىدى» دېگەن تېما ۋېيبودىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى. (ھەرىكەتچان سۈرەت مەنبەسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

   دىلرابا، لى شيەن، چېن لىنوڭ، دەۋر ئۆسمۈرلەر ئۆمىكى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «يۈگۈرۈۋاتقان ياشلىق» ناملىق نومۇرنى ئورۇنلىدى، نومۇردا دىلرابا ھەمراھى لى شيەن بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلان قىلىنغان «يۈگۈرۈۋاتقان ياشلىق» چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ «قىزىق» نومۇر بولۇپ قالدى.

   «شۇ كېچىدىكى يامغۇر سېنى تۇتۇپ قالالمىدى، جىلغىنىڭ شامىلى ماڭا ھەمراھ بولۇپ يىغلىدى...» «كۆكتوقايدىكى پادىچى» دېگەن ناخشا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ، بۇ يىلقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

   تېكىستى، مۇزىكىسىنى ۋاڭ چى ئۆزى ئىشلەپ ئۆزى ئورۇندىغان «كۆكتوقايدىكى پادىچى» ناملىق ناخشىنىڭ توردا داڭقى چىقىپ، دوۋيىندا 5 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلىتىلدى، قويۇلۇش قېتىم سانى 3 مىليارد 200 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

   ناخشىدا بىر پادىچى بىلەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گۈزەل ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىز كارۋاننى باشلاپ، يول بويى گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى قوغلىشىپ، يىراقتىكى كۆكتوقايغا يېتىپ كېلىپ، پادىچى بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، ئاخىرىدا ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىز خوشلاشمايلا كېتىپ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ناراتقا بارىدۇ، پادىچى بولسا بۇ يەردە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلايدۇ.

   بۇ ناخشىنىڭ كەڭ تارقىلىشى كۆكتوقاي، نارات قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ھەممە ئادەمگە تونۇتتى. پادىچى بىلەن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىنىڭ تونۇشقان جايى سىرلىق كۆكتوقايدا بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى «دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى»، شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىرلىق مەنزىرە رايونى. ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىز بارىدىغان جاي نارات بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۇ يەردە ئۆرۈك چېچىكى تاغ-دالىلاردا ئېچىلىپ، ئاسماننى ھال رەڭ سۇس تۇمان قاپلاپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا پارلاق شەپەق نۇرىغا چۆمىدۇ.

   نومۇردا ۋاڭ چى رول ئالغان پادىچىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ناخشا ئېيتىشى، ھەسەل ھەرىسى باققۇچى قىزنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە گۈزەل سەھنە ئارقا كۆرۈنۈش لايىھەسى تاماشىبىنلارنى كۆكتوقاي ۋە ناراتنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تورداشلار بەس-بەستە شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى: «چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ داكا قىلىش كېرەك» ...

   ۋاڭ چى ئىلگىرى شىنجاڭدا 10 يىل ياشىغان، «مەن شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىم ئاز سانلىق مىللەت ئىدى، بىز بىرلىكتە مۇزىكا ئىشلىدۇق، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق ھەقىقەتەن مېنى نۇرغۇن مۇزىكا ئامىلى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجادىيىتىمگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە «كۆكتوقايدىكى پادىچى» دېگەن ناخشا شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.

 رەشىدە ھەسەنجان (يېشىل كىيىم) «ھەممە بىر نىيەتتە» دېگەن نومۇردا يېتەكچى ئۇسسۇل ئوينىدى. (سىن مەنبەسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

   چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان نومۇرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش» ناملىق مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇلدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شىنجاڭلىق بىر ئۇسسۇل ئارتىسىمۇ بار.

   ئۇنىڭ ئىسمى رەشىدە ھەسەنجان، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى، قوشۇمچە ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ، مەخسۇس مىللىيچە ئۇسسۇلنى تەتقىق قىلىدۇ، تۆت يېشىدىن باشلاپلا ئۇسسۇل مەشىق قىلىشقا باشلىغان، 15 يېشىدا بېيجىڭ ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرگەن، ئۇ ئورۇندىغان «مۇقام روھى» 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە شەخسلەر يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئورۇنلاش بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

   (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق