
تىيانشان تورى خەۋىرى: چاغان مەزگىلىدە، قۇتۇبى ناھىيەسى توردا ۋە تور سىرتىدا «كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق چاغاننى تەبرىكلەش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئىچىدە بايرامنى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇتۇبى ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى