تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغان سىلەر بولغاچقا ئىللىقلىققا تولدى

رىياسەتچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن

ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام ھالدا كاتتا بايرام چاغاننى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، بىر تۈركۈم كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇپ جاپالىق ئىشلىدى. ئۇلار ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەپ، بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلدى.

ساغلاملىقنى قوغداش توختىتىپ قويۇلمىدى

ئۇلىغۇچى مۇخبىر: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

بۇلتۇر 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چاغاننىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى 4 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى يۈەنيۈەن شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تەركىبىدە ۋۇخەن داشۆ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كېلىپ، داۋالاش ئەترىتىدىكى باشقا ئەترەت ئەزالىرى ھەم شۇ جايدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزغان، داۋالىغانىدى. بۇ يىل چاغاندا، لى يۈەنيۈەن قەتئىيلىك بىلەن يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنى تاللىدى...

چاغاننىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، لى يۈەنيۈەن ۋە خىزمەتداشلىرى دوختۇر - سېسترالارنىڭ بەخت تىلەكلىرىنى ئېلىپ، گازىر، مېۋە - چېۋىلەرنى 20دىن كۆپرەك ئاغرىقنىڭ قولىغا بىرمۇبىر يەتكۈزدى. «چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» ئۆزئارا بەخت تىلەشكەندىن كېيىن، لى يۈەنيۈەن ئەسكەرتىپ «ھەدە، ماسكىنى ياخشى تاقاڭ جۇمۇ!» «تاغا، گەرچە بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقان بولساقمۇ، يەنىلا سۇيۇق - سەلەڭ غىزالىنىڭ» دەپ قايتا - قايتا تاپىلىدى.

چاغاننىڭ 2 - كۈنى، لى يۈەنيۈەن «ھەرىكەتچان ئىش ئورنى»غا ئالماشتى. ئاغرىقلار رايونىدا ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شۇ كۈنى، كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغان ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقاندىن باشقا، ئۇ يەنە بىنالارغا چىقىپ - چۈشۈپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ «چاتاق ئىزدىدى»، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى، ئامبۇلاتورىيە بىناسى، پەن تەتقىقات بىناسى... ھەربىر قەۋەتكە چوقۇم بېرىش كېرەك ئىدى. لى يۈەنيۈەننى مەمنۇن قىلغىنى شۇكى، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 10دا ئىسمېنىغا چىققاندىن تارتىپ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 14تە ئىسمېنا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنگە قەدەر، بىرقانچە بىنادا بېرىپ - كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلە بايقالمىدى، «بۇ چاغاندا كۆپچىلىكنىڭ تىنچ - ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

خىزمەت قىلغان ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، لى يۈەنيۈەن خىزمەتداشلىرىغا ئوخشاشلا، چاغاننى بىر قېتىممۇ تولۇق ئۆتكۈزۈپ باقمىدى، كۆپىنچە ۋاقىتتا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغاندا ئىشلەش ئادەتتە ئىشلىگەن بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيتتى. ئەگەر بۇ يىل چاغاندا قانداق ئوخشىماسلىق بار دېيىلسە، خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان لى يۈەنيۈەن ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. «بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.» لى يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم روھىمنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدايمەن.

ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى سەپەرگە چىقىش يولىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى

ئۇلىغۇچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، 2005 - يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس مەيدانىغا دەل ۋاقتىدا كېلىپ، تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، «كونا ھەمراھ»ى − ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا چىقىپ ئىنچىكە تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى.

بۇلتۇر شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن گۇ شياڭفېڭ ھەر يىلى چاغاندا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ، يۆتكىلىپ تۇرغان بۇ ئاپتوبۇسمۇ ئۇنىڭ 2005 - يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس لىنىيەسى بويىدىكى ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سۇپا بولۇپ قالدى.

«گۇ ئۇستام، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» «گۇ ئۇستام، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!»... ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلار توختىماي گۇ شياڭفېڭغا چاغانلىق بەخت تىلەيتتى. ئۇ ماشىنا ھەيدىگەچ كۈلۈپ تۇرۇپ: «يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشلار كېتىۋاتقان ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنى خۇشاللىققا تولدۇراتتى.

ھەر يىلى ئاممىۋى قاتناشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ چاغان ئۆتكۈزۈش گۇ شياڭفېڭغا نىسبەتەن يەنە بىر خىل بەخت ھېسابلىناتتى، «باش شۇجى شى جىنپىڭ بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، دېگەن. بۇ يىل كالا يىلى، كالا ئىشچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ سىمۋولى، مەن كالىنىڭ چىدامچانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنى يولدا بىخەتەر، كۆڭۈللۈك مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

خېسۇەن تەكشۈرۈشنى «توختاتماسلىق»

ئۇلىغۇچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭرەن

«ھەدە، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئاغزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ...» 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ جيا ئەپچىللىك بىلەن يۇتقۇنچاق پەلكۈچىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ يۇتقۇنچىقىغا تېز كىرگۈزۈپ، ئەۋرىشكە ئالدى.

چاغان مەزگىلىدە، خېسۇەن تەكشۈرۈشتە «تەكشۈرتۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» خىزمەت نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2 - تارماق دوختۇرخانىسى 24 سائەت خېسۇەن تەكشۈرۈشنى «توختاتماي»، ئاممىنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

«خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى.» جاڭ جيا مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى كۈنلەردە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئالاھىدە كۈنلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئالماسلىق نورمال ئەھۋال.

«مەن نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خېسۇەن تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، دوختۇرخانا ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى.» جاڭ جيا مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئەۋرىشكە ئالغاندا، دەل جايىدا بولۇش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئاغزىنى يوغان ئېچىشنى ئەسكەرتىپلا قالماي، ئۆزىمىزمۇ يەنە ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇشىمىز كېرەك. گەرچە يۇتقۇنچاق پەلكۈچىدە ئەۋرىشكە ئېلىش پەقەت قىسقىغىنا ئون نەچچە سېكۇنت بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر ئەۋرىشكە ئېلىش جەزمەن دەل جايىدا بولۇشى، سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىكى كېرەك».

جاڭ جيا مۇنداق دېدى: «كالا يىلىدا كالىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، خېسۇەننى تېز، ئوڭۇشلۇق تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشتۇر».

گۈزەل شەھەر بەرپا قىلىنىپ، چاغان تەبرىكلەندى

ئۇلىغۇچى: ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ

2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مۇھىت ئاسراش بويىچە تازىلاش، توشۇش ئەترىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى ۋاڭ دۇڭ ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى گۇاڭمىڭ يولى گۇاڭمىڭ بىناسىنىڭ ئاستىغا ھەيدەپ كەلدى. كوچىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ، تار بوشلۇقتا ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى ئەپچىللىك بىلەن بۇرىدى، ۋاڭ دۇڭ ئاپتوموبىلنى «قاتار تىزىلىپ ساقلاۋاتقان» بىر قاتار يېشىل ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا بىخەتەر توختاتتى.

ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىدىن توك بىلەن كونترول قىلىنىدىغان مەشغۇلات قۇتىسىنى ئېلىپ، ماشىنا بىلەكنى باشقۇرۇپ، ئەخلەت ساندۇقىدىكى ئەخلەتلەرنى ئاپتوموبىلغا تۆكتى. ناھايىتى تېزلا ئون نەچچە تۇڭ ئەخلەتنى تۆكۈپ بولدى. ئۇ مەشغۇلات قۇتىسىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېيىنكى ئەخلەت توشۇش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى.

«چاغان مەزگىلىدە، بىز مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى قار تازىلاش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇش بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز! بۇ كۈنلەردە، بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 - 4كىچە ئىشلىدۇق. قاراڭ، چوڭ - كىچىك كوچىلار پاكىز بولۇپ، كىشىلەر چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق ھەم مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۇق.» ۋاڭ دۇڭنىڭ قارامتۇل چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

54 ياشلىق ۋاڭ دۇڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى چاغاندا دەم ئالمىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزگەنلەر بىرقەدەر كۆپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ئەخلەت ئادەتتىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، مەن ۋە ئىشداشلىرىم ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدۇق.

«شەھەرنىڭ ھۆسۈن تۈزىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بارغانسېرى جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۇق. بىز ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ يىلدىن - يىلغا گۈزەللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆيدىكىلەر بىزنى ناھايىتى چۈشەندى ۋە قوللىدى!» دېدى ۋاڭ دۇڭ.

بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئامانلىقنى قوغدىدى

ئۇلىغۇچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 11دە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى سېرىك قايىم تەۋەلىكىدىكى يول يۈزىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈشىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى. «بۈگۈن تەۋەلىكىمىزدە ئاپتوموبىل ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ، ھازىر G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىدىن سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇمان بار، كۆپچىلىككە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، خالىغانچە يول ئۆزگەرتمەسلىكنى ئەسكەرتىش كېرەك» دېدى ئۇ.

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى باشتىن - ئاخىر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامانلىقنى قوغدىدى. سېرىك قايىم مۇنداق دېدى: بۇ كۈنلەردە تەۋەلىكىمىزدىكى يوللار بىخەتەر، راۋان بولدى، پەقەت قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئەتىگەن، كەچتە تۇمان كۆرۈلدى، تۈنۈگۈن كەچتە غەربىي ۋوگزال ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا ئازراق قار ئۇچقۇندىدى، بۇ قاتناشقا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى.

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە، سېرىك قايىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قاپسىلىپ قالغان بىر ئاپتوموبىلنى ئۇچراتتى. شوپۇر ما X ۋاقتىنچە ئىشى چىقىپ قېلىپ، ئاپتوموبىلنى يول بويىدىكى ئازادە رايونغا توختىتىپ قويغان بولۇپ، يولغا چىققاندا ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكى قار - مۇزدا تىرىلىپ قېلىپ، بالون تېيىلىپ، مىدىرلىيالماي قالغان. سېرىك قايىم خىزمەتداشلىرى بىلەن دەرھال گۈرجەك ۋە ئاپتوموبىل سۆرەش ئارغامچىسىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل ئاستىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاپ، ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوموبىلنى قار دۆۋىسىدىن سۆرەپ چىقارغان.

«بىزنىڭ ساقچى ئاپتوموبىللىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئىلمەك توك سىمى، ئاپتوموبىل سۆرەش ئارغامچىسى، دامكرات، چېلەك قاتارلىق قۇتقۇزۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز» دېدى سېرىك قايىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق