تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىجىل-ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى▏ جۇۋاۋا تۈگۈپ، كەلگۈسى ھەققىدە پاراڭلىشىش

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت يېرخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىلە نىسبەك، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ليۇ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت يېرخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلىدىكى بەش جان بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

   كۆپچىلىك  مەدەنىيەت يېرخاننىڭ ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن جۇۋاۋا تۈگۈپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلاشتى.

  «ئۆتكەنكى بىر يىلدا، سىز تۇرمۇشىڭىزدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ خۇڭشيا مەدەنىيەت يېرخان بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

  2020-يىلى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مەدەنىيەت موماينىڭ ئوغلى ئابدۇمىجىت ئابدۇشېرىپ چاپچال ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئاشپەز بولۇپ، بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالدى.

  كۆپچىلىك 2020-يىلىدىكى ھاسىلاتلىرى ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پاراڭلاشتى، ئۆي ئىچى خۇشال كۈلكە سادالىرىغا تولدى.

  2020-يىلى، قاينۇق كەنتىىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ سېلىپ 21 كوچا ۋە پىيادىلەت يولىنى قاراماي يول قىلىپ ياسىدى ھەم رەڭلىك خىش ياتقۇزدى، يەنە كەسپىي گۈزەل سەنئەت ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا ھەر خىل رەسىملەرنى سىزدۇردى.

  «بىز قىزىل كۆرگەزمە زالى قۇرۇۋاتىمىز، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى كونا بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى. ھازىر كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشماقتا» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما شيەنگو.

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت يېرخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق