تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

چېن چۈەنگو چاغاننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، بايرام مەزگىلىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

ئۈرۈمچىدە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، ھەممە جاي قاينام - تاشقىنلىققا، خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

چېن چۈەنگو شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كاتتا چاغان ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان پەيت، كەڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورنىدا كۈچىنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. سىلەرنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئايلىنىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىللىق، بەختلىك كاتتا چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلىشى، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلقنىڭ چاغاننى تىنچ، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دوستلۇق تاللا بازىرى جياخېيۈەن دۇكىنىدىكى تۈرلۈك تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، تۈرى كۆپ، تولۇق ئىدى. چېن چۈەنگو چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن ھەر مىللەت ئامما، تاللا بازارنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، چاغاندىن بۇرۇنقى بازار تەمىناتى، چاغانلىق مال بىلەن تەمىنلەش - سېتىش، مال باھاسىنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش، تازىلىق، پاكىزلىق قاتارلىق يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغان مەزگىلىدە «كۆك - تاق» «ئاشلىق» «مېۋە» قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ماللارنىڭ مول، باھاسىنىڭ مۇقىم، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى كۆڭلى توق، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، چاغىنىڭلارنى مۇبارەكلەپ كەلدۇق!» چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇگۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى گاۋ سىدې ۋە مەمەت ئابلىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئائىلە كىرىمى، داۋالىنىش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سەمىمىي سورىدى. گاۋ سىدې ۋە مەمەت ئابلىز چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا شىنجاڭدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىز ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەر بىر كىشى بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، قەلبى شېرىن ھېسلارغا تولۇۋاتىدۇ. چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ خۇشال - خۇرام، يىلدىن - يىلغا تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار ھال سوراشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.