>>تېخىمۇ كۆپ
  • ئەلرايى ئۈچۈن 45 يىل ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك
  • ۋۇ چېڭگۇڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. 45 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 مەھەللىدە خىزمەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ چاقىرىقىغا جەزمەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بولسا جەزمەن ياردەم بېرىپ، چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبى بىلەن ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ...تەپسىلاتى

  • دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەشپىيات تالانت ئىگىسىنىڭ بەختلىك ھاياتى
  • ئامېرىكا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىدىن «قۇسۇر تېپىش»قا پېتىنىش؛ ئۆزى كەشىپ قىلىپ ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق ماشىنىسىنى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇتەخەسسىسىنى «ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۆگىنىش»كە جەلپ قىلىش؛ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن يۇرتداشلارنى ئۇنتۇماي، كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىش يولىغا مېڭىش. ئۇ دەل خەن بو، ساۋەن ناھىيەسى قورقىس بازىرىدىكى بىر يەرلىك دېھقان. ...تەپسىلاتى

  • نېفىت ئىزدەش يولىدا بەرگەن قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش
  • گو شۈگۇاڭ، قەدىمكى تۇراقلىق يەر قاتلىمى ئېنېرگىيە مەنبەسى شىفىرىنى يەشكەن نېفىت چارلاش خىزمەتچىسى. ئۇ ۋەتەننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چۆل - باياۋاندا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىپ، يىلتىز تارتىپ، نېفىت چىقمىغۇچە نىيىتىدىن يانمىدى. گو شۈگۇاڭ، قەدىمكى تۇراقلىق يەر قاتلىمى ئېنېرگىيە مەنبەسى شىفىرىنى يەشكەن نېفىت چارلاش خىزمەتچىسى. ئۇ ۋەتەننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چۆل - باياۋاندا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىپ، يىلتىز تارتىپ، نېفىت چىقمىغۇچە نىيىتىدىن يانمىدى. ئۇ ئەترەتتىكىلەر بىلەن 380 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭغار ئويمانلىقىنى كېزىپ، نېفىت چارلاشتىكى چەكلەنگەن رايونلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ...تەپسىلاتى

  • باي بولۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش
  • چېن ياۋپىڭ، بىر ئاددىي خېنەنلىك دېھقان ئىشلەمچى، ئۇ خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى مېيىپ تۇرسۇن توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بېرىپ، ئارا لەڭگەر كەنتىدە كەسىپكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ باي بولۇش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ياخشى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپچېن ياۋپىڭ، بىر ئاددىي خېنەنلىك دېھقان ئىشلەمچى، ئۇ خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى مېيىپ تۇرسۇن توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بېرىپ ...تەپسىلاتى

  • قوغۇن سورتىنى ياخشىلاشقا بىر ئۆمۈر كۈچ قوشۇش
  • ۋۇ مىڭجۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان. ۋۇ مىڭجۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان. ئۇ، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغۇن، تاۋۇز سورتىدىن 19نى تاللاپ يېتىشتۈرگەن، كېڭەيتىلگەن كۆلەم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە %80كە يەتكەن، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزۈلمەي سېتىلغان. ...تەپسىلاتى

  • قۇملۇقتىكى «يۇلغۇن بوۋاي»
  • ليۇ مىڭتىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچىسى، كېرىيە توشقانزەدىكى تېرىش مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى، جۇڭگونىڭ ئۆسۈملۈكشۇناسى، داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى. ليۇ مىڭتىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچىسى، كېرىيە توشقانزەدىكى تېرىش مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى، جۇڭگونىڭ ئۆسۈملۈكشۇناسى، داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى. ئۇ ۋەتەننىڭ چېگرا رايوندىكى قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پەن تەتقىقات، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ ...تەپسىلاتى

  • ھاياتىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىش
  • شى شىمىڭ تيەنجىن شەھىرىدىن 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇپ، كېرىيە ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، شى شىمىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز مېڭە سەكتىسى قوزغىلىپ قالدى، تيەنجىن، شاڭخەي، شىنجاڭ ئۈچ جايدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئاخىر كېسىلى ئېغىر بولغاچقا، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزى كېرىيەدىكى 100دىن ئارتۇق كەنتكە تارقالدى ...تەپسىلاتى

  • ۋەتەن ئۈچۈن كۆپ نېفىت ئېلىش، ياخشى نېفىت ئېلىش
  • سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلات 5- رايونى نېفىت ئېلىش 6- بەنىنىڭ بەنجاڭى، ئالىي تېخنىك روزىمەمەت باقى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى نېفىت ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نېفىت روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى تېخنىكىلارنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، كىچىك يېڭىلىقلارنى كۆپرەك يارىتىپ، كىچىك ئىسلاھاتلارنى كۆپرەك قىلىپ، ۋەتىنىم ئۈچۈن كۆپ نېفىت ئالىمەن، ياخشى نېفىت ئالىمەن. ...تەپسىلاتى

  • بارلۇق تېغى ئېتىكىدىكى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە»
  • 64 ياشقا كىرگەن ئوقاس چاغانتوقاي ناھىيەسى ئالتۇن ئېمىل يېزىسىنىڭ بەيىبشە كەنتىدە بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1971- يىلى، ئوقاس چارۋىچىلىق رايونىدا يالىڭاياغ دوختۇردىن ئۆگەندى، ئارقىدىن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقاس چاغانتوقاي ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بارلۇق تېغى، مايلى تېغى، قۇلىستاي چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ كۆچمە داۋالاش نۇقتىسىغا بېرىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 44 يىل مابەينىدە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 3200 بوۋاقنى تۇغدۇردى. چارۋىچىلار ئۇنى بارلۇق تېغى ئېتىكىدىكى «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دەپ ئاتاشتى. ...تەپسىلاتى

  • يېرىم ئەسىر ئېكولوگىيەنى قوغداش سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش
  • شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدە، يۈەن گويىڭنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ: ئون قېتىم لوپنۇر كۆلىگە كىرىپ ياۋا تۆگە ئىزدىدى؛ قاناس كۆلىدىكى «غەلىتە مەخلۇق»نىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بايقىدى؛ 63 يېشىدا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتتى... بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىرلا مەقسەت − ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، ياخشى ئاسرىغاندا پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.» يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 80 ياشلىق يۈەن گويىڭنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنداق جاراڭلىق بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ...تەپسىلاتى

  • بالىلار قەلبىدىكى ماياك
  • 76 ياشلىق پەن يۈليەن بىر چۆگۈن قىزىق چاينى كۆتۈرۈپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى مەلۇم كوچىدا تۇرۇشلۇق ئۆيىدىن چىقىپ، يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››غا كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دىن بالىلارنىڭ خەنزۇچە تېكىست ئوقۇغان ياڭراق ئاۋازى ئاڭلاندى. 26 يىلدىن بۇيان، تۈركۈملىگەن بالىلار پەن يۈليەننىڭ غەمخورلۇقىدا ئۈمىدكە تولۇپ، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مېھرىبان كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا پەن يۈليەننىڭ ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى›› ئاددىي ‹‹كىچىك دەرسخانا››دىن دەرسخانا، پائالىيەت ئۆيى، كۇتۇپخانىسى بار ‹‹چوڭ دەرسخانا››غا ئايلاندى.26 يىلدىن بۇيان، ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دا ئوقۇغان بالىلار 2000 دىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەتكە چىقتى، بەزىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى... پەن يۈليەن خۇددى ماياكقا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. ...تەپسىلاتى

  • پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى زېمىنغا يېزىش
  • تاڭ يورۇشى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى نۇربولات ئايدارخان موتوسىكلىتنى مىنىپ قاراقاش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچىسى رايونىغا كەلدى. باغچە رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن قىزىلگۈل مايسىلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.   «يېڭى ئۇسۇل بويىچە، كېلەر يىلى قىزىلگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش مىقدارى 100 مىڭ تۈپتىن ئاشىدۇ، بۇنداق بولغاندا گۈل مايسىسىنىڭ ھەر تۈپىنىڭ تەننەرخى ئەسلىدىكى ئىككى - ئۈچ يۈەندىن بىر يۈەنگە تۆۋەنلەيدۇ. تەننەرخى تۆۋەنلىسە، گۈل تېرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ» دېدى نۇربولات. ...تەپسىلاتى