تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

قوغۇن سورتىنى ياخشىلاشقا بىر ئۆمۈر كۈچ قوشۇش

− شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ۋۇ مىڭجۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا

ۋۇ مىڭجۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان. ئۇ، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغۇن، تاۋۇز سورتىدىن 19نى تاللاپ يېتىشتۈرگەن، كېڭەيتىلگەن كۆلەم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە %80كە يەتكەن، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزۈلمەي سېتىلغان. ئۇ، دۆلەت ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن يىراق ئېكولوگىيە، يىراق رايون، يېقىن سورتلارنى مۇرەككەپ شالغۇتلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭى ئۇرۇقلۇق بايلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا ئالدى بىلەن يەككە جىنسلىق چېچەكلەش نىسبىتى %100 بولغان چۈرۈك ئەتلىك، ئەلا سۈپەتلىك ئۆزىدىن چېتىشقۇچى سىستېمىنى يۆتكەپ يېتىشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، «شىنجاڭنىڭ قوغۇن سورتىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالغۇچى ۋە ئۇل سالغۇچى» دەپ ئاتالغان.

 نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك     ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش

1949- يىلى، ۋۇ مىڭجۇ ئەلا نەتىجە بىلەن غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى باغۋەنچىلىك شىسىغا ئۆتتى. 1953- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، مەكتەپ ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالماقچى بولغاندا، ئۇ جاپالىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىشقا بەل باغلىدى. كېيىن غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە تولۇقلاپ تەقسىم قىلىندى، خىزمەت قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يەنە مەركەز يېزا خىزمىتى مىنىستىرلىقىغا يۆتكەپ كېلىندى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېيجىڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىش تېپىلغۇسىز ئىش ئىدى، ئەمما ئۇ ئۇنداق ئويلىمىدى. 1955- يىلى، ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلارنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال رەھبەرلىككە كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ئەڭ جاپالىق چېگرا رايونغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، تەشكىل ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردى. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى، ئۇ قايتا - قايتا ئۆتۈنۈپ، 1956- يىلى يەنە پىچان ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىدا خىزمەت قىلىشقا يۆتكەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ يالقۇنتاغ ئېتىكىدە پۈتۈن ھاياتىنى قوغۇن، تاۋۇز سورتى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بېغىشلىدى.

 ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولۇش     نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇش

شىنجاڭنىڭ قوغۇنى ئىلگىرى يەنىلا بىر خىل يەككە دېھقان ئىگىلىكىدىكى تەبىئىي ئۆسۈش ھالىتىدە ئىدى، ۋۇ مىڭجۇ ئالدى بىلەن قوغۇن چىقىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر رايوندا كۆڭۈلدىكىدەك يەرلىك سورتلارنى يېتەرلىك يىغدى، 1958- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ بىر سۇدان سۇ ۋە بىر پارچە نانغا تايىنىپ، قۇم - بورانغا، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي يىل بويى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل - باياۋانلاردا يۈردى. بىر سورتنى يىغىش ئۈچۈن، ئۇ دائىم ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، قەيەردە ياخشى سورتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسىلا، ئۆزى بېرىپ كۆرۈپ باقتى، ئاندىن ئامال قىلىپ ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىپ ئەكەلدى.

1962- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋۇ مىڭجۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، تۇرپاندىكى بارلىق قوغۇن سورتلىرىنى يىغىپ بولدى. ئۇ خۇڭشىنسۈي، شياڭلىخۇاڭ، شياۋچىڭپى، ئارا بەگزادە قاتارلىق سورتلارنى سىستېمىلىق تاللاپ يېتىشتۈرۈپ ساپلاشتۇردى، بولۇپمۇ خۇڭشىنسۈي 30 يىلدىن بۇيان شياڭگاڭغا ئۈزۈلمەي سېتىلدى، بۇ سورتلار كېيىن ئەڭ ياخشى يېتىشتۈرۈلگەن ئەسلىي سورت بولۇپ قالدى. ئۇ ئىشلىگەن بۇ تۈردىكى ئاساسىي خىزمەت شىنجاڭ قوغۇنىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

ۋۇ مىڭجۇ يىغىپ كەلگەن سورتلارنى رەتلەپ ساپلاشتۇرۇپ، كۆپەيتىپ كېڭەيتىپ، قوغۇننى يەككە دېھقان ئىگىلىكىدىن تاۋارلىشىش يولىغا سېلىپ، تاۋار قوغۇن بازىسى ۋە ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن ئىشلەپچىقىرىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي ساتتى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغىچە، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۆلكە دەرىجىلىك سورتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن قوغۇن، تاۋۇزنىڭ بالدۇر، ئارىلىقتا، كېيىن پىشىدىغان سورتىدىن 19ى تاللاپ يېتىشتۈرۈلدى، كېڭەيتىلگەن كۆلەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تاۋار قوغۇن رايونىنىڭ %80 ىنى قاپلىدى، بۇ رايونلاردا قوغۇن سورتىنىڭ 1- قېتىم يېڭىلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاۋار قوغۇننىڭ سۈپىتى، تەكشىلىك دەرىجىسى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى ۋە توشۇشقا چىداملىقلىقى ئۆستۈرۈلدى. لېكىن ۋۇ مىڭجۇ بۇنىڭدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ يەنىلا قوغۇن تەتقىقاتى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئەينى چاغدا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىدا، ئۇ ئالدى بىلەن جۇخەي، شېنجېندا سولياۋ پارنىكتا تۇپراقسىز قوغۇن ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى سىناق قىلدى ھەم بىر يولىلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

 خالىس تۆھپە قوشۇش     دۆلەتنىڭ ئۇل تېشى بولۇش

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ۋۇ مىڭجۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى چۆل - باياۋاندىكى ئەڭ شېرىن ئىشلارغا بېغىشلىدى، بۇ ئوتتەك قىزىق تۇپراقتا ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرىگە تايىنىپ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇنى پىششىق بىلىدىغان دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ۋۇ مىڭجۇنىڭ ھاسىلاتىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە يوقاتقانلىرى ناھايىتى كۆپ...

ئۇ تۇنجى بالىسىغا ھامىلىدار بولغاندا، يالقۇنتاغدىكى تۇيۇقتا نۇقتىدا تۇردى، كارىدوردىكى تېرمومېتىر 50 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. سېزىكى قاتتىق بولغاچقا، نېمە يېسە شۇنى ياندۇرۇۋېتەتتى، ئۇ ئورۇقلاپ 30 نەچچە كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەكلا ئېشەككە مىنىپ چۆل - جەزىرىنى كېزىپ يۈردى. چۈشتە بەك ئىسسىق بولۇپ كەتكەندە، ئۇ ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى سۇغا چىلايتتى... 1965- يىلى، ئۇنىڭ قىزى تۇغۇلدى، بالىسى تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي بولمايلا، ئانىسى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ باقتى.

ئۇنىڭ ئېرى ياڭ چىخۇ ئەسلىدىكى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ بۇغداي مۇتەخەسسىسى سەي شۈنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ۋۇ مىڭجۇ بىلەن ياڭ چىخۇنىڭ مەقسەت - نىشانى بىر بولۇپ، مۇھەببىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى ئىدى. ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ياڭ چىخۇ بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋۇ مىڭجۇنىڭ يېنىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى ھەم ئۇنى قوللاپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغۇن، تاۋۇز سورتى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەينى چاغدا شارائىت جاپالىق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئۇزاق مەزگىل ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ياڭ چىخۇنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلدى. 1986- يىلى 4- ئايدا ياڭ چىخۇ ئاشقازان راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ۋۇ مىڭجۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدىن كۆردى، ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا: «ھەممىگە مەن ئەيىبلىك، دائىم يېزىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم...» دېدى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى سۇڭ جيەن ۋۇ مىڭجۇ بىلەن ياڭ چىخۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇ مۇخبىر گو مېينىغا يازغان خېتىدە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ياش جۇمھۇرىيىتىمىز دەل ۋۇ مىڭجۇ، ياڭ چىخۇلارغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئۇل تاشلاردىن بەرپا قىلىنغان، زامانىۋىلاشقان جۇمھۇرىيىتىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق پارچە - پارچە ئۇل تاشلارغا تايىنىش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان».

ۋۇ مىڭجۇنىڭ مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادى، ئالىيجاناب پەن تەتقىقات ئەخلاقى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى خۇددى «چۆل - باياۋاندىكى مەرۋايىت»قا ئوخشاش، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ كۆپ كېيىنكىلەرنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پائال ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى