تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

ھاياتىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىش

− تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇنەۋۋەر كادىر شى شىمىڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى چېن يۈجۈن

  4- ئاينىڭ 3- كۈنى، تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خوتەندىكى بارلىق كادىرلار قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىگە جەم بولدى. بۇ يىل چىڭمىڭدىكى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدە، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقلىغاندىن سىرت، تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار يەنە شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە خوتەندە مەڭگۈ قېپقالغان ياخشى سەپدىشى − تيەنجىن شەھىرى جىڭخەي رايونىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر شى شىمىڭنى ئەسلىدى.

   كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۈش

  شى شىمىڭ تيەنجىن شەھىرىدىن 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇپ، كېرىيە ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، شى شىمىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز مېڭە سەكتىسى قوزغىلىپ قالدى، تيەنجىن، شاڭخەي، شىنجاڭ ئۈچ جايدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئاخىر كېسىلى ئېغىر بولغاچقا، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزى كېرىيەدىكى 100دىن ئارتۇق كەنتكە تارقالدى؛ تۇرمۇشتا، ئۇ تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىدا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان «باش غوجىدار» ئىدى؛ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ سەمىمىي ياردەم بەرگەن، ئىللىق كۈلكە چىرايىنى قالدۇرۇپ كەتكەن خەنزۇ قېرىندىشى ئىدى. ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن تارتىپ ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆزلۈكىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىغان ياكى ھەر خىل شەكىلدە تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا كۆڭلىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان شۇ جايدىكى ئامما 1000دىن ئاشتى، 20 نەچچە ئۇيغۇر ئامما زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىختىيارسىز ياش تۆكتى...

  شىنجاڭغا كەلگەن 581 كۈندە، ئۇ 16 جىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، خىزمەتنى بەجاندىل تىرىشىپ ئىشلەپ، قىلچە ۋايسىمىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە، 82 ياشلىق ئانىسى، 11 ياشلىق يالغۇز ئوغلى بار ئىدى. يېقىندا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم يولداش شى شىمىڭغا «تيەنجىن شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» ۋە «تيەنجىن شەھىرى بويىچە ئۈلگىلىك دۆلەت مەمۇرى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ھەربىر تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر خۇددى ئۈزۈلمەس ئىسسىق ئېقىندەك تيەنجىن - خوتەن ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدە مەۋج ئۇردى.

   كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدىغان سوغۇق شىفەن

  شى شىمىڭنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا، شۇ كۈنى سائەت 21دىن 54 مىنۇت ئۆتكەنىدى، ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر لۇ يۈشياڭغا ئۈندىدار ئارقىلىق ياردەم سوراپ ئۇچۇر ئەۋەتكەن. لۇ يۈشياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن يېتىپ بارغاندا، ئۇ قولىدا يەنە قاچا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ماڭا كومپيۇتېردا بىر نەرسە يېزىۋاتقانلىقىنى، قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە، ئاندىن كەچلىك تاماق يېمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاشخانىغا چىقىپ ئازراق شىفەن ئۇسماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى... بۇ شىفەننىمۇ ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئەتكەن ئىكەن».

  ئىشتىن كېيىن، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بىر پارچە ئەسلەتمە رەسىم قۇراشتۇرمىسىنى كوللېكتىپ تاماملاپ، شى شىمىڭنىڭ ھەپتە ئاخىرىنى ئىخچام سۈرەتلەپ بەردى:

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى، شەنبە ئەتىگەن، ئۇ خاڭجوۋ فۇياڭ باڭنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ گاڭ بىلەن ئىشچى قوبۇل قىلىش ئىشى توغرىلىق بىر كۈن ئالدىراش چېپىپ يۈردى، كەچتە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تيەنجىنگە قايتىشنى پىلانلاۋاتقان خىزمەتدىشىنىڭ يەرلىك مەھسۇلات تەييارلىشىغا ياردەملەشتى ھەم خىزمەتدىشىغا تيەنجىنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى تېپىشىغا ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى.

  1- ئاينىڭ 6- كۈنى، سەھەردىلا ئىشىكتىن چىقىپ، سۈيخۇا شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلىغا ھەمراھ بولۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى؛ ئەسلىدە چۈشتە قايتىپ كېلىپ چۈشتىن كېيىنگىچە ئىككى پارچە يازما ماتېرىيالنى تەييارلاپ پۈتكۈزمەكچى بولغانىدى، كېيىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا دوشىڭ جۇاڭيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئېچىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈن جيەنگۇاڭنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، دەرھال 30 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ماڭىدىغان جايغا بېرىپ ياردەملەشتى...

  «ئالدىنقى قېتىم مەن مەبلەغ سالغىلى كەلگەندە، ئۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ 13 يېزىغا بارغانىدى. بۇ قېتىم كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىپ قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ياساتماقچى بولغان. ئۇنىڭ يەرلىكتىكى كادىرلار، ئاممىغا بولغان مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن، بۇ قېتىم ئۇ ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۈچ كەنتكە بارغانىدى، بىر كۈن ئالدىراش يۈرۈپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق...» خوتەنگە مەبلەغ سېلىشقا كەلگەن جاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: شى شىمىڭ بىر پارچە «تىرىك خەرىتە». بۇ «خەرىتە»دە يول لىنىيەسى بولغاندىن سىرت، يەنە ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بار بولۇپ، بۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئەمگەك كۈچى ئەھۋالى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شى شىمىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن كېيىن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشىدىن كەلگەن.

   كىشىنى سېغىندۇرىدىغان خەنزۇ تاغا

  شى شىمىڭنىڭ تۇرالغۇسىدا، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزچاقنى كۆتۈرۈۋالغان سۈرىتى ئېسىقلىق ئىدى، سۈرەتتىكى قىزچاق تېخى ئىككى ياشقىمۇ توشمىغان بولۇپ، ئەركىلەتمە ئىسمى «كىچىك ئانار» ئىدى.

  «كىچىك ئانار»نى تىلغا ئالغاندا يەنە بىر ھېكايىنىمۇ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 2017- يىلى 4- ئايدا، لۇ يۈشياڭ كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق كېسىلى بار ھامىلىدار ئايال مايمۇنىخان ئابدۇقادىر بىلەن تونۇشۇپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا مايمۇنىخاننىڭ ئائىلىسىدە كېسىلىنى داۋالاتقۇدەك پۇل بولمىغاچقا، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى. لۇ يۈشياڭ شۇ ئان يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ ياتاقتا يېتىش ھەققىنى تۆلەپ بەردى ھەم ئۇنى سىڭىل قىلىۋالدى. شى شىمىڭ بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىئانە توپلىدى ھەم 5- ئايدا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بالىغا «كىچىك ئانار» دەپ ئەركىلەتمە ئىسىم قويۇپ قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «كىچىك ئانار» تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەتىۋارلىق جان - جىگىرىگە ئايلاندى.

  كېسىلى قوزغالغان شۇ كۈنى كەچتە، ئۆز كېسىلىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلمىگەن شى شىمىڭ «كىچىك ئانار» توغرىسىدا توختىلىپ، چاغاندا تيەنجىنگە قايتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى كۆرگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. «شى ئاكام قاتارلىقلار ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىدا ماڭا تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بېرىپ، ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا قولايلىق يارىتىپ بەردى...» شى شىمىڭنى تىلغا ئالغاندا، مايمۇنىخان گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا يىغلاپ كەتتى.

  كۆز ياشلار مايمۇنىخاننىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى، تېخىمۇ بەكرەك شى شىمىڭ بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلغان بارلىق خىزمەتداشلارنىڭ يۈرىكىدە ئاقتى، ئۇنى سۆيىدىغان ۋە ئۇ سۆيگەن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە ئاقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ