تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

باي بولۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش

− ئاز سانلىق مىللەت قېرىندىشىنىڭ باي بولۇشىغا خالىس ياردەم بەرگەن دېھقان ئىشلەمچى چېن ياۋپىڭ توغرىسىدا

چېن ياۋپىڭ، بىر ئاددىي خېنەنلىك دېھقان ئىشلەمچى، ئۇ خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى مېيىپ تۇرسۇن توختىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بېرىپ، ئارا لەڭگەر كەنتىدە كەسىپكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ باي بولۇش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ياخشى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى» دەپ تەرىپلەندى.

 ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغان «قېرىنداشلىق مېھرى»

2013- يىلى 5- ئايدا، 44 ياشلىق چېن ياۋپىڭ ئىشداشلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم خېنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مەيدانىدا ئىشلەمچىلىك قىلدى.

بىر كۈنى، قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسىدا كاشىلا كۆرۈلدى، چېن ياۋپىڭ جىددىيلىشىپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى. ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالىنىۋاتقان تۇرسۇن بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ھاسىغا تايىنىپ كېلىپ ياردەملەشتى، بىرھازا رېمونت قىلغاندىن كېيىن، سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسى نورمال ئىشقا كىرىشتى.

چېن ياۋپىڭ دەرھال يېنىدىن 100 يۈەن چىقىرىپ تۇرسۇنغا تەڭلەپ رەھمىتىنى بىلدۈردى، بىراق تۇرسۇن سىلىق رەت قىلدى. يۇرتىدىن ئايرىلغان چېن ياۋپىڭ تۇرسۇننىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكىدىن تەسىرلەندى.

ئائىلىسىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق، خوتۇنى كېسەلچان، ئۈچ بالىسى كىچىك، ئون مو يېرىگە ئىشلەيدىغان ئادەم يوق ... تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرۈپ چېن ياۋپىڭ كۆڭلىدە «مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەملىشىمەن!» دەپ ئىرادە باغلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «بازار كۈنى» بولسىلا، ئۇ قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدە نېمە كەم بولسا شۇنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى.

2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چېن ياۋپىڭ يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى، تۇرسۇن ئالايىتەن كەنتتىن ئاپتوموبىل تېپىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى ۋوگزالغا ئاپىرىپ قويدى، ئۆزىنىڭ بېغىدىن چىققان بىر تاغار چىلان، ئۆز يېرىدىن چىققان پاختىدا ئەتكەن ئىككى يۈرۈش يوتقان - كۆرپە سوۋغا قىلدى؛ خوتۇنى يەنە بىر خالتا تۇخۇم پىشۇرۇپ ئۇنىڭ يولدا يېيىشىگە بەردى. چېن ياۋپىڭنىڭ خاتىرىسىدە، كىچىك چېغىدا مەكتەپكە بارغاندىلا، ئاندىن ئاپىسى ئۇنىڭغا تۇخۇم پىشۇرۇپ ئېلىۋېلىشقا بېرەتتى. ئاشۇ بىر خالتا تۇخۇمنى ئۇ ھازىرغىچە قەلبىدە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

قېرىنداشلىق رىشتىسى مانا مۇشۇنداق باغلاندى.

 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى «ھايات لېي فېڭ»

تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم بېرىش پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنىلا ھەل قىلالايدۇ. توشقان بېقىش تەجرىبىسى بار چېن ياۋپىڭ توشقان بېقىشقا تايىنىپ تۇرسۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدى، چۈنكى توشقان بېقىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، كۆپىيىشى تېز، يەنە كېلىپ ئاقسۇدا توشقان باقىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. چېن ياۋپىڭ بۇ ئويىنى تۇرسۇنغا ئېيتقاندىن كېيىن، ئەزەلدىن توشقان بېقىپ باقمىغان تۇرسۇن ئانچە ئىشەنچ قىلالمىدى.

ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، چېن ياۋپىڭ توشقان بېقىشنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتىرى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك سېلىنمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. 2015- يىلى 5- ئايدا، چېن ياۋپىڭ تۇرسۇنغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ ھويلىسىدا بىر چوڭ توشقان بېقىش قەپىسى ياسىدى ھەم يېڭى زېلاندىيە قاما توشقىنىدىن بەشنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ بېقىشىغا بەردى.

توشقان بېقىش تېخنىكىسى پىششىق بولمىغاچقا، چېن ياۋپىڭ مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۆگەندى، بىرلىكتە ئىزدەندى؛ مەبلەغ يېتىشمىسە، چېن ياۋپىڭ كۆپ يىل ئىشلەپ يىغقان پۇلىنى ئېلىپ كېپەك، قوناق ئۇنى، ۋاكسىنا سېتىۋالدى؛ توشقان كۆپەيگەندە، چېن ياۋپىڭ ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ، توشقان باقىدىغان قەپەس سېتىۋالدى؛ توشقان قەپىسىدىن چىققاندا، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى بىرلىكتە بازارغا ئاپىرىپ ساتتى.

ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى نەسىللىك توشقان قەپەستىن چىقىرىلىپ، ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، توشقان قەپىسى ئۈچكە كۆپەيدى، ھازىر قەپەستە 3200 توشقان بولۇپ، 2018- يىلى پايدىسى 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. توشقانلار شۇ جايدىكىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەرمۇ كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى.

 گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «بىر ئائىلە كىشىلىرى»

بۈگۈنكى كۈندە، چېن ياۋپىڭنىڭ ياردىمىدە، تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئازادە - يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، توشقان بېقىش قەپىسىمۇ بىردىن ئۈچكە كۆپىيىپ، كۆلىمى نەچچە ئون كىۋادرات مېتىردىن 300 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيدى، كېسەل كۆرسىتىپ قەرز بولۇپ قالغان 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزنىمۇ قايتۇرۇپ بولدى. تۇرسۇن ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا: چېن ئاكامنىڭ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە يەتكۈزگەن مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! دېدى. يېقىندا، چېن ياۋپىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى، زاۋۇتقا «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ ئىسىم قويدى.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان، چېن ياۋپىڭ تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشىدى، بىللە تىرىشىپ ئىشلىدى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يەنە بالىلارغا تاپشۇرۇق تەكرار قىلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇرسۇنمۇ توشقان بېقىش ئۇستىسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل چاغان ئۆتۈشى بىلەنلا، «بىر ئائىلە كىشىلىرى» گۆش توشقىنى باقمىچىلىق زاۋۇتى 20 نەچچە زاكاز تاپشۇرۇۋېلىپ، 1000دىن ئارتۇق توشقاننىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى.

ئارا لەڭگەر كەنتى باغۋەنچىلىك ۋە تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران تۆت مودىن ئاشىدۇ، تۇرسۇن بىلەن چېن ياۋپىڭنىڭ توشقان بېقىپ بېيىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى كەنتتە تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شاگىرت بولۇش، تېخنىكا ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، توشقان بېقىپ بېيىماقچى بولدى.

ئۆگىنىشكە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە، ئۇلار ھېچنېمىنى يوشۇرماستىن ھەممە تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. چېن ياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بىر ئائىلە باي بولسا، بېيىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېيىغاندىلا، جەمئىيىتىمىز ئاندىن تېخىمۇ مۇقىم، ئىناق بولىدۇ. ئۇ تۇرسۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنتتىن كوللېكتىپ يەر ئىلتىماس قىلىپ، كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.

چېن ياۋپىڭ بىر ئاددىي دېھقان ئىشلەمچى، ئۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ، ئالتە يىل چىڭ تۇرۇپ، قېرىندىشى تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەڭ گۈزەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى