تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

ۋەتەن ئۈچۈن كۆپ نېفىت ئېلىش، ياخشى نېفىت ئېلىش

− شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلاتى 5- رايونى نېفىت ئېلىش 6- بەنىنىڭ بەنجاڭى روزىمەمەت باقى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

6- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بەش نەپەر سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى «يېڭى مەزگىلدە بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچى بولۇش»نى چۆرىدەپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلات 5- رايونى نېفىت ئېلىش 6- بەنىنىڭ بەنجاڭى، ئالىي تېخنىك روزىمەمەت باقى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى نېفىت ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نېفىت روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى تېخنىكىلارنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، كىچىك يېڭىلىقلارنى كۆپرەك يارىتىپ، كىچىك ئىسلاھاتلارنى كۆپرەك قىلىپ، ۋەتىنىم ئۈچۈن كۆپ نېفىت ئالىمەن، ياخشى نېفىت ئالىمەن.

ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش ماھارەت مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىش

«مەن بىر نېفىت ئېلىش ئىشچىسى، خوتەن ناھىيەسىدىكى تۇنجى بولۇپ يېزىدىن چىقىپ نېفىت كارخانىسىغا كىرگەن سانائەت ئىشچىسى.» روزىمەمەت مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ 15 يېشىدا ئۆيىدىن ئايرىلىپ قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە كەلگەنلىكىنى، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل قويۇق نېفىت قېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. قويۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يەر ئاستىغا 300 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇ پارى ماڭدۇرۇپ، ئاندىن كاچالكا، ماي پومپىسى ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ خام نېفىتنى يەر يۈزىگە تارتىپ چىقىرىپ توشۇپ پىششىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى.

پۇتۇڭخۇادا سۆزلىيەلمەيدىغان بىر يېزىلىق بالىدىن پۇتۇڭخۇادا تەشۋىق قىلغۇچىغا ئايلانغۇچە، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىدىن جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تېخنىكا - ماھارەت مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغۇچە، روزىمەمەت بۇ جەرياندا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىدارىگە يېڭى كىرگەندە، روزىمەمەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان تىل ئالاقىسىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلانغانىدى. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن «شىنخۇا لۇغىتى»نى ئىككى قېتىم كۆچۈرۈپ چىقتى، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا گېزىت، كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان بولدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ مەشغۇلات رايونىدىكى تېخنىك ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

2003- يىلىدىن بۇيان، نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن روزىمەمەت تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى تېخنىكا يېڭىلاشقا سەرپ قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسلەر خىزمەتخانىسى 16 تۈرلۈك دۆلەت پاتېنت نەتىجىسىگە ئېرىشتى، سەككىز تۈر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كېڭەيتىلىپ قوللىنىلدى. خىزمەت جەريانىدا، ئۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كاچالكىنىڭ سۈرئەت ئاستىلىتىش ساندۇقىنى ئالماشتۇرغاندا ئەگرى دەستىلىك تاقاقنى تارتىشتا ناھايىتى قىينىلىدىغانلىقىنى، خىزمەت سىجىللىقىنىڭ زورلۇقىنى، سەرپىيات ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقىنى بايقىدى. قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئەگرى دەستىلىك ئاچىماق باش كېڭەيتكۈچنى لايىھەلەپ چىقتى، ئەسلىدە تاقاقنى تارتىش ئۈچۈن 50 مىنۇت كېتەتتى، ئەگرى دەستىلىك ئاچىماق باش كېڭەيتكۈچنى ئىشلەتكەندىن كېيىن 15 مىنۇتلا سەرپ قىلىنىپ، خىزمەت سىجىللىقى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى.

تور قۇرۇپ سۇپا ھازىرلاش «يۇلغۇندەك غۇژمەكلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىش»

روزىمەمەت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىك بارغانسېرى غەيرەتكە تولدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، روزىمەمەت ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ «يۇلغۇندەك غۇژمەكلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلدى». ئۇ 500 مىڭ خەتتىن ئارتۇق تەربىيەلەش دەرسلىك ماتېرىيالى تۈزۈپ چىقىپ، «ئۆگىنىش + ئىمتىھان» «مەشىق + مۇسابىقە» «يەتكۈزۈش + ياردەم قىلىش» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىشى، مەدەنىيەت ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى. تەربىيەلەنگەن ئىشچى - خىزمەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 100دىن ئارتۇق تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىغا، 50تىن ئارتۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىغا باھالىنىپ ئۆسۈشىگە ياردەم بەردى. «بىرلىكتە ئۆگىنىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش» تېخىمۇ كۆپ ئىشچى - خىزمەتچىنى ئىشلەپچىقىرىش تايانچلىرىغا ئايلاندۇردى.

روزىمەمەت مۇخبىرلار بىلەن ئۆزىنىڭ «يۇلغۇن نېفىت تورى»نى قۇرۇش ھېكايىسىدىن بەھرىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: نېفىت ئىشچىلىرى خۇددى يۇلغۇندەك چۆل - جەزىرىلەردە يىلتىز تارتىپ، غۇژمەكلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بۇ، مېنىڭ تور بېكىتى قۇرۇشتىكى ئىدىيەم. ھازىر تور بېكىتىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، تور بېكىتىدە 1000 پارچىدىن كۆپرەك تۈرلۈك تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرى قاتارلىقلار بار، نېفىتكە ئائىت 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتى بار، پۈتۈن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نېفىتچىلەر بۇ تور بېكىتى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، ئۆگىنەلەيدۇ.

توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كۈرەش قىلىش روھىنى تارقىتىش

روزىمەمەت تۇرۇشلۇق نېفىت ئېلىش 6- بەنىدە 148 كۆز نېفىت قۇدۇقى بار، كۆپ قىسمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇددىتى 30 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشلەپچىقارغان قويۇق نېفىتنىڭ يېپىشقاقلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئىش تەرتىپى كۆپ، ئەمگەك سىجىللىقى زور. روزىمەمەت بەن - گۇرۇپپا باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ «نوپۇس»قا ئالدۇردى، نېفىت قۇدۇقىنى «تەۋەلىكلەشتۈرۈش» قاتارلىقلارنى ھۆددىگە ئېلىش، بەن - گۇرۇپپا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇش نىسبىتى، يۈرۈشۈش ۋاقىت نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى، بۇ بەن - گۇرۇپپا جۇڭگو نېفىتىدىكى «مىڭ ئەترەت ئۈلگە كۆرسىتىش» بايراقدار بەن - گۇرۇپپىسىغا ئايلاندى.

«پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ»، روزىمەمەت ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق كۈرەش قىلىش روھىنى تارقاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا 50 نەچچە مەيدان تەشۋىقات ئېلىپ باردى، 24 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئامما ئاڭلىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا تەشۋىقات قىلغاندا، ھەر قېتىم روزىمەمەتنىڭ ئەتراپىنى كەنت ئاھالىلىرى قىزغىن ئورىۋالاتتى. ئورۇن قالمىغاندا كۆپچىلىك يەردىلا ئولتۇراتتى ياكى بىر جاينى تېپىپ ئۆرە تۇرۇپ ئىككى سائەت ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلايتتى. روزىمەمەت ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇردى. ئۇنىڭ تەشۋىقاتى يۇرتداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىدىكى ئەڭ ياخشى دەرسلىككە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى