تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

قۇملۇقتىكى «يۇلغۇن بوۋاي»

− قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ليۇ مىڭتىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا

ليۇ مىڭتىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەتقىقاتچىسى، كېرىيە توشقانزەدىكى تېرىش مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى، جۇڭگونىڭ ئۆسۈملۈكشۇناسى، داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى. ئۇ ۋەتەننىڭ چېگرا رايوندىكى قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پەن تەتقىقات، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى، دۆلەت ۋە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك 26 تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ خوتەندە يىلتىز تارتىپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاممىنى يېتەكلەپ كۆچەت يېتىشتۈرۈپ ئورمان بىنا قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلەپ، توشقانزەدىكى تېرىپ، ئاممىغا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى تەرىپىدىن سەمىمىي ھالدا «يۇلغۇن بوۋاي» دەپ ئاتالدى.

 «مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا تەقسىم قىلىڭلار»

1957- يىلى لەنجوۋ داشۆسىنىڭ بىيولوگىيە شىسىنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ليۇ مىڭتىڭ ئەينى چاغدىكى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ياڭ شيۇفېڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ، «مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ جاپالىق، ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلىرىغا تەقسىم قىلىڭلار، مېنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىغا تەقسىم قىلىڭلار» دەپ ئۆزىنىڭ قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدەك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ بىيولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

1959- يىلى ليۇ مىڭتىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشتى. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، ئۇ قۇمنى تىزگىنلەيدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك «تەكلىماكان يۇلغۇنى»نى بايقىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەكەن يۇلغۇنى، تارىم يۇلغۇنى، ئالتۇن مۇنار يۇلغۇنى، ئاق گۈل يۇلغۇنى قاتارلىق يېڭى سورتلارنى بايقاپ، جۇڭگودىكى يۇلغۇن ئائىلىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم تۈرىنى بايقىغان ئادەم ۋە نام قويغان ئادەمگە ئايلاندى.

يېڭى سورتنىڭ بايقىلىشى پەقەت بىر باشلىنىش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى − يۇلغۇننى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە يول - يول «سۈنئىي يېشىل تام» بىنا قىلماقچى بولدى. ئۇ يۇلغۇن سورتىنى كىرگۈزۈش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى ئۇزاق مۇددەت سىناق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. 1993- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ ئارام ئالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە يۇلغۇن توشقانزەدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، نەچچە مىليون مو يۇلغۇننى بىپايان قۇملۇق بويىغا تىكىپ، 200 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

 قۇم - بوراننىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە پونكىت قۇرۇش

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قۇم - بوراننىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. 1982- يىلى ئەتىيازدا كۆچمە قۇمنىڭ گىرۋىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ناھىيە بازىرىغا 1.5 كىلومېتىرلا قالغانىدى، مۈشكۈل ئەھۋالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا كومىتېتى ۋە چىرا ناھىيەسى بىلەن بىرلىكتە قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، كۆچمە قۇمنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىنلىشىشىنى توستى ھەم شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن ئاممىنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بەش يىل ئەتراپىدا دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

ليۇ مىڭتىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن «ھەربىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ۋەدىنامىسى» تۈزۈپ، بەش يىلدا 60 مىڭ مو كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەش، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %30 تىن %40 كىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇلار چىرا ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىقلار ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن چىرا بوستانلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسال قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئاندىن «قۇملۇق - بوستانلىق» ئۆتكۈنچى بەلباغ ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە سىستېمىسى قۇردى ھەم ئۆتكۈنچى بەلباغدا «ئاشلىق، پاختا، مېۋە، ئۈجمە، ئوت - چۆپ» ئىستېرېئولۇق يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىپ، ئۈچ يىلدىلا ۋەزىپىنى تاماملىدى.

1985- يىلى، ليۇ مىڭتىڭ چىرا قۇم تەتقىقات پونكىتىدا يۇلغۇن توشقانزەدىكىنى سىناپ ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، شۇ جايدىكىلەر بۇنى قۇملۇق ئادەمگىياھى دەپ ئاتىدى. بىر يىلدىن كېيىن، يۇلغۇن توشقانزەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆسۈپ چىقتى. لېكىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمىدى. 1993- يىلىغا كەلگەندە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پېنسىيەگە چىققان ليۇ مىڭتىڭنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، «قۇملۇقتا ئالتۇن قېزىش» چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ قاتتىق ھاياجانلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش پونكىتىدىن ئۆزى يېتىشتۈرگەن يۇلغۇن توشقانزەدىكى مايسىسىنى ئېلىپ چىقىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدىكى تەجرىبە ئېتىزىدا سىناق ئۆستۈردى.

خوتۇنى چۇ خۇيفاڭ ئەمگەك سىجىللىقى چوڭ بولغاچقا، 1998- يىلى ليۇ مىڭتىڭنىڭ ئىنتايىن ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ سەككىز كىلوگىرام ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن تۆت تامدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق دېھقانلارنى كۆرگەندە ئۇ ئېرىنى چۈشەندى.

قۇملۇقتىكى توشقانزەدەكلىرى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، سۈنئىي توشقانزەدىكىنى سىناق تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى. ليۇ مىڭتىڭ تېخنىكىنى ئاممىغا ھەقسىز ئۆگىتىشنى قارار قىلدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ توشقانزەدىكى تېرىش كۆلىمى نەچچە يۈز مىڭ موغا يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بىر مو توشقانزەدىكىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 4000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە بولۇپ، توشقانزەدىكى تېرىغان نۇرغۇن دېھقان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

 ھەرىكىتى ئارقىلىق پەن - تېخنىكىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

بۈگۈنكى كۈندە، ياشىنىپ قالغان، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ليۇ مىڭتىڭ يەنىلا بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇق رايوندا ئۆتكۈزمەكتە، ئۇ ھەمىشە كونىراپ كەتكەن ئاشۇ موتوسىكلىتىنى مىنىپ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىدۇ، بازاردا، ئېتىزلىقتا كۆپچىلىككە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ ھېلىھەم پەن تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ھەرىكەت قىلماقتا. «بىر ئۆمۈر يۇلغۇننى تەتقىق قىلدىم، ئۇنىڭدىن كېچەلمەيمەن» دېدى ليۇ مىڭتىڭ. بۈگۈنكى كۈندە، ليۇ مىڭتىڭنىڭ يۇلغۇن توشقانزەدىكى شىنجاڭدىن چىقىپ، پەيدىنپەي گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ قۇملۇق رايونلارغا كېڭەيتىلدى ھەم قۇملۇقتىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا يۈزلىنىپ، دېڭىز بويىدىكى ئېغىر شورلاشقان يەرنى تىزگىنلەشكە باشلىدى. 2017- يىلى، ئۇ يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسى چاڭيى شەھىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى بولۇپ، يۇلغۇننى دېڭىز قىرغىقىدا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

«مېنىڭ دەسلەپكى تاللىشىم خاتا ئەمەس، پۈتۈنلەي توغرا» دېدى ليۇ مىڭتىڭ. ليۇ مىڭتىڭ ئائىلىسى كېرىيەدە يىلتىز تارتتى، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇققا 60 نەچچە يىللىق مۇھەببىتى ۋە مېھرىنى سىڭدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پەن - تېخنىكىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشتى، ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئەينى يىللاردىكى كۈچ - قۇۋۋەتكە، قايناق ھېسسىياتقا تولغان غەيرەتلىك ياش بۈگۈنكى كۈندە ئاق چاچلىق بوۋايغا ئايلاندى، لېكىن ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىللىق بەرپا قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى