تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى زېمىنغا يېزىش

ــــ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى نۇربولات ئايدارخان توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

  4- ئاينىڭ 27- كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى نۇربولات ئايدارخان موتوسىكلىتنى مىنىپ قاراقاش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچىسى رايونىغا كەلدى. باغچە رايونىدا يېتىشتۈرۈلگەن قىزىلگۈل مايسىلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.

  «يېڭى ئۇسۇل بويىچە، كېلەر يىلى قىزىلگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈش مىقدارى 100 مىڭ تۈپتىن ئاشىدۇ، بۇنداق بولغاندا گۈل مايسىسىنىڭ ھەر تۈپىنىڭ تەننەرخى ئەسلىدىكى ئىككى - ئۈچ يۈەندىن بىر يۈەنگە تۆۋەنلەيدۇ. تەننەرخى تۆۋەنلىسە، گۈل تېرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ» دېدى نۇربولات.

   ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش

  2016- يىلى نۇربولات جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى. «ئەينى چاغدا ئايماق كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمى نامرات بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش نامراتلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىدى» دېدى نۇربولات.

  ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، قىزىلگۈلدىن ياسالغان گۈلقەنت، گۈلقەنت نان قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بىراق قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى، تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى زور، ئۈنۈم كۆرۈلۈشى ئاستا بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشنى خالىمىغانىدى. پەن تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇربولات تېخنىكا ئۆگىتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

  «دەسلەپتە ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىگەن بولساممۇ، ھېچكىم ئۆستۈرۈشنى خالىمىدى.» نۇربولات مۇنداق دېدى: مەن سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ كەنت ئاھالىلىرىگە كۆرسىتىشنى قارار قىلدىم.

  شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى ئۈچ مو يەرنى پىلانلاپ، قىزىلگۈل مايسىسى تىكىپ، ئىككىنچى يىلى گۈل ئېچىلغاندىن كېيىن، 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتتى. «ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مو يەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.» نۇربولات مۇنداق دېدى: كېيىن كەنت ئاھالىلىرى سىناپ ئۆستۈرۈشنى خالىدى.

  بىراق يەنە يېڭى مەسىلە كېلىپ چىقتى، بازاردىكى قىزىلگۈل مايسىسىنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يەنە توختاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن نۇربولات تېما گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قىزىلگۈل مايسىسى يېتىشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

   قىيىن مەسىلىنى يېڭىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش

  كۆزىتىشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن، نۇربولات خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جاي ئەتراپىدىن ئۈچ پۇڭ يەر ئاجرىتىپ، كىچىك لاپاس ياساپ، خىزمەت ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ سىناق قىلدى. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە پارنىكقا يۆتكەپ سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، ئاخىرىدا كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

  قايتا - قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، نۇربولات ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇ تېما گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ جەمئىي تۆت خىل مايسا يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ زور بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە تېما گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ قىزىلگۈل مايسىسىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقتى. «قىزىلگۈل مايسىلىرىنىڭ تۈپ ئارىلىقى چوڭ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى مايسىلار كىچىك بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىغاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ» دېدى نۇربولات.

  كەنت ئاھالىسى ياسىن تۇرسۇنتوختى 2018- يىلى ئالتە مو يېرىدە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇغداي ۋە سامساقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، سامساقتىن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل ئۇ داۋاملىق كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى تاللىدى. «كېلەر يىلىدىن باشلاپ، قىزىلگۈل راسا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھەر مو يەردىن 4000 يۈەندىن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن» دېدى ياسىن.

  ياسىننىڭ تۈرتكىسىدە، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جاھانباغ يېزىسىدا كېڭەيتىپ ئۆستۈرگەن قىزىلگۈل كۆلىمى 200 مودىن ئاشتى.

   يەرنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش

  2016- يىلى، شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى قاراقاش ناھىيەسىدە 100 مو شىنجاڭنىڭ خاس دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇردى، نۆۋەتتە، 32 خىل خاس دورا ماتېرىيالىنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈپ، كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئون نەچچە خىل دورا ماتېرىيالىنى تاللاپ چىقتى.

  «قىزىلگۈل ئۆستۈرگەندە يەنە دورا ماتېرىياللىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.» نۇربولات مۇنداق دېدى: تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چەكلىك يېرىنى تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان قىلىش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بوشاشماس ئارزۇسى. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇربولات زور بىر تۈركۈم دېھقان تېخنىكلارنى يېتىشتۈردى.

  تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى زېمىنغا يېزىش نۇربولاتنىڭ ئىزچىل ئارزۇسى، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنمۇ خېلى كۆپ شەرەپكە ئېرىشتى. 2010- يىلى، نۇربولات ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى؛ 2016- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى.

  «پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرغاندىلا ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.» نۇربولات مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس دورا ماتېرىياللىرىنى قېزىپ، تېخنىكىغا تايىنىپ كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى