تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بالىلار قەلبىدىكى ماياك

  ئەخلاق نۇر چاچقان تىيانشان ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ خىسلىتى

   ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى پەن يۈليەن توغرىسىدا

  (گاۋۋا خەۋىرى، جېن شىشىن فوتوسى)

  ئوقۇغۇچىلار 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان پەن يۈليەننى تەبرىكلىمەكتە.

  1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن ئاشقاندا، 76 ياشلىق پەن يۈليەن بىر چۆگۈن قىزىق چاينى كۆتۈرۈپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى مەلۇم كوچىدا تۇرۇشلۇق ئۆيىدىن چىقىپ، يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››غا كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دىن بالىلارنىڭ خەنزۇچە تېكىست ئوقۇغان ياڭراق ئاۋازى ئاڭلاندى.26 يىلدىن بۇيان، تۈركۈملىگەن بالىلار پەن يۈليەننىڭ غەمخورلۇقىدا ئۈمىدكە تولۇپ، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.

  پەن يۈليەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئۇنىڭ دادىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر بولۇپ، خەنزۇچىنى پىششىق بىلىپلا قالماي، يەنە ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىللىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 1992 – يىلى 50 ياشقا كىرگەن پەن يۈليەن شىزاڭدىن يۇرتى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەن.

  پەن يۈليەن نۇرغۇن بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىشتىن كەچ چۈشۈش سەۋەبلىك مەھەللىدە ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ‹‹كىچىك دەرسخانا›› ئېچىش خىيالىغا كەلگەن. ئۇ: پەقەت بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن بارىدىغان يېرى بولۇشنى، ئۇلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشنى ئويلىغانىدىم، دېدى.

  بىر كىچىك ئۈستەل، بىر كىچىك دوسكا، ئىككى – ئۈچ بالا... مۇشۇنداق قىلىپ، پەن يۈليەننىڭ ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دا ئوقۇش باشلاندى. بالىلارنىڭ نەزەرىدە كۆپ خىل تىل بىلىدىغان، ھېساب بىلىدىغان، رەسىم سىزالايدىغان پەن يۈليەن ‹‹كۆپكە قادىر ئوقۇتقۇچى›› ئىدى، پەن يۈليەن ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايتتى.

  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پەن يۈليەننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى. پەن يۈليەن ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ ھۇجرىنى بىكارلاپ، ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسخانا قىلىپ بەردى، ئۆزى بالىسى بىلەن كىچىك ئۆيدە تۇردى.

  ئەينى چاغدا پەن يۈليەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. پەن يۈليەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، ناھايىتى ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئوغلى پەن سەنخۇ خىزمەت ئۈستىدە تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالغانلىقتىن، ئايالى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشنى خالىماي ئۇنى تاشلاپ كەتكەنىدى. مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ، پەن يۈليەن كىچىك دەرسخانىنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوغلىغا قارىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنى داۋاملىق ئوقۇتتى.

  بالىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پەن يۈليەن سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، ئەسكى – تۈسكى يىغىپ ساتقان پۇلىغا دەپتەر، قەلەم، ئۆچۈرگۈچ، كىچىك قىزىل گۈللەرنى سېتىۋېلىپ، دەرستە ياخشى بالىلارنى مۇكاپاتلايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم قانچىلىك جاپا تارتساممۇ، بالىلار ئۆگىنىشنى خالىسىلا، ئۇلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىمەن ھەم ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن.

  سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، پەن يۈليەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش دەرسخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بالىلارنى ساقلاۋاتاتتى. بىر توپ بالىلار قولىنى كەينىگە يوشۇرغىنىچە پەن يۈليەننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى ھەمدە بىر تالدىن ئەتىرگۈلنى ئۇنىڭغا سۇندى. ‹‹پەن ئانا، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!›› دېيىشتى بالىلار. ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن پەن يۈليەن كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى. كۆپ يىللار ئۆتۈپ، بالىلار سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈللەر قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، پەن يۈليەن ‹‹ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بۇ سوۋغات››لارنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلدى.

  گەرچە دەرستىن سىرت ئوقۇتۇش بولسىمۇ، پەن يۈليەن بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قوياتتى. قايسى بالا كۈندىلىك تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسا، ئۇ تاكى شۇ بالا تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغىچە يېنىدا ئولتۇراتتى.

  ‹‹مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، بىز سىزنى مەڭگۈ سۆيىمىز!›› بالىلار تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسى دەپتىرىگە مۇشۇ سۆزنى قالدۇرۇپ قويىدىغان بولدى. ‹‹دەپتەرگە يېزىلغان بۇ سۆزلەر مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، پەن ئانىمىز بۇنىڭدىن بىزنىڭ ئۇنى مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىدۇ›› دېدى پەن يۈليەننىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايمېھرى ئۇرايىم.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مېھرىبان كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا پەن يۈليەننىڭ ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى›› ئاددىي ‹‹كىچىك دەرسخانا››دىن دەرسخانا، پائالىيەت ئۆيى، كۇتۇپخانىسى بار ‹‹چوڭ دەرسخانا››غا ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئۇنى تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى ئىشتاتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئايدا مائاش بەردى. ئوغلى پەن سەنخۇ پەن يۈليەننىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى. پەن يۈليەننى ھەممىدىن بەك خۇش قىلغىنى يېڭىشەھەر بازىرى ئۇنىڭ ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى›› ئەندىزىسىنى پۈتۈن بازاردا ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىنى بۇنىڭدىن نەپ ئالدۇرماقچى بولدى.26 يىلدىن بۇيان، ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دا ئوقۇغان بالىلار 2000 دىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەتكە چىقتى، بەزىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى... پەن يۈليەن خۇددى ماياكقا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

  پەن يۈليەن 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلاپ بەرمەكتە.

  پەن يۈليەن 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بالىلارغا چاي ئېلىپ ماڭماقتا.

  يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى شەمشىنۇر مەمەت 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى پەن يۈليەننى يوقلاپ كەلدى. شەمشىنۇر ئىلگىرى ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى››دا ئوقۇغانىدى.

  1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دەرسخانىغا بالىسىنى ئالغىلى كەلگەن بىر ئانا پەن يۈليەنگە تاماق ئەكىرىپ بەردى.

  پەن يۈليەن 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بالىلارغا قەدىمقى شېئىرنى قۇرمۇ قۇر ئوقۇتماقتا.

  پەن يۈليەن 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سائەت 11 دىن ئاشقاندا دەرسخانىنىڭ ئىشىكىنى تاقىماقتا.

  پەن يۈليەن ھەر قېتىم بالىلارنىڭ سوۋغىتىنى كۆرگىنىدە، بەكمۇ خۇشال بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى