تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

يېرىم ئەسىر ئېكولوگىيەنى قوغداش سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش

ــــ مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ئۈلگىسى يۈەن گويىڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

  شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدە، يۈەن گويىڭنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ: ئون قېتىم لوپنۇر كۆلىگە كىرىپ ياۋا تۆگە ئىزدىدى؛ قاناس كۆلىدىكى «غەلىتە مەخلۇق»نىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بايقىدى؛ 63 يېشىدا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتتى... بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىرلا مەقسەت − ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.

  1962- يىلى، يۈەن گويىڭ لەنجوۋ داشۆ گېئوجۇغراپىيە شىسىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ بىيوتۇپراق تەتقىقات ئورنى (ھازىرقى ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى)دا ۋەزىپە ئۆتەپ، مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ ئىشلىگىنىچە يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، 1999- يىلى ئۇ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، بىراق مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات خىزمىتىنى توختىتىپ قويمىدى.

  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، ياخشى ئاسرىغاندا پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.» يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 80 ياشلىق يۈەن گويىڭنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنداق جاراڭلىق بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

   ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش

  يۈەن گويىڭنىڭ خىزمەت ھاياتىدا، بايىنبۇلاقتىكى سازلىق، سۇلۇق يەرنى ئاسراش ئۇ ئەڭ خۇش بولىدىغان بىر ئىش ئىدى.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، سۇچىلىق تارماقلىرى بايىنبۇلاقنىڭ يۇلتۇز ئويمانلىقىدا سۇ ئامبىرى ياساشنى پىلانلىدى، سۇ ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن شۇ جاينىڭ توك بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىناتتى. تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى، مۇھىت تەسىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا توغرا كەلدى، بۇ ۋەزىپە يۈەن گويىڭغا تاپشۇرۇلدى.

  «ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەن ئەترەتنى باشلاپ بايىنبۇلاق يايلىقىغا بېرىپ ئورۇنلاشتىم. ھەر كۈنى، بىز يايلاقتىكى سازلىق بەلبېغىنى ئاتلىق كېسىپ ئۆتكەندە، ھەر ۋاقىت سازلىققا پېتىپ قېلىش خەتىرىدىن ئېھتىيات قىلاتتۇق.» يۈەن گويىڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئۇسساپ كەتسەك ئېرىقتىكى سۇنى ئىچىپ، قورسىقىمىز ئاچسا قۇرۇق نان يەپ، دالىدا شۇ ئىشلىگەنچە ئىككى ئايدىن كۆپرەك تۇردۇق.

  ھالبۇكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى سۇ ئامبىرى ياساش تەسەۋۋۇرى بىلەن زىت بولۇپ قالدى. «يۇلتۇز ئويمانلىقى بايىنبۇلاق ئاق قۇ مۇھاپىزەت رايونىدىكى يادرولۇق بەلباغ بولۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەينى چاغدا بۇ يەردە 3000 ئاق قۇ، شۇنداقلا دۆلەت 1- دەرىجىلىك، 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 20 نەچچە خىل ھايۋاننىڭ بارلىقى مۆلچەرلەندى.» يۈەن گويىڭ مۇنداق دېدى: ئاق قۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپىيىشى ئۈچۈن شارائىتقا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، سۇ ئامبىرى پۈتسە، 385 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئوتلاق سۇ ئاستىدا قېلىپلا قالماي، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئاق قۇلار مەركەزلىك كۆپىيىدىغان رايوننىڭ %90ى ۋە ئاق قۇلار ياشايدىغان ئورۇننىڭ %70ى سۇ ئاستىدا قالاتتى. ئارىدىن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، يۈەن گويىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگەندە يەنىلا ھاياجانلىنىدۇ.

  يۈەن گويىڭنىڭ بايىنبۇلاقتا سۇ ئامبىرى ياساش تۈرىنى ئىنكار قىلىشى گۇمانىي سادالارنى قوزغىدى: ئەجەبا ئاق قۇ ئادەمدىنمۇ مۇھىممۇ؟ ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ نوقۇل ئاق قۇ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىدى. يۈەن گويىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق قۇش ۋە ھايۋانات مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ئورتاق دەۋەت قىلدى، ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ پىكرى قوبۇل قىلىنىپ، بايىنبۇلاقتىكى ئاق قۇ كۆلى ۋە توققۇز ئەگىم قوغداپ قېلىندى.

   بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. يۈەن گويىڭ مۇنداق قارىدى: ئەۋلادلار ئۈچۈن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ياخشى ئاسراپ، خەلق ئاممىسىنى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى كۆرۈش، پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  شىمىگۇ دەرياسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم يەر ئۈستى سۈيى بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن 70- يىللىرىغىچە ھۆكۈمەت شىمىگۇ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى تۈزەشكە باشلىغان، يۈەن گويىڭ كونكرېت خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. يۈەن گويىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا شىمىگۇ دەرياسىنىڭ بويىغا نۇرغۇن قەغەز زاۋۇتى، ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش زاۋۇتى قۇرۇلغانىدى، زاۋۇتلار پاسكىنا سۇنى بىۋاسىتە دەرياغا قويۇپ بېرەتتى، دەريا سۈيى ھەم مەينەت، ھەم سېسىق بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنىدى.

  سۇ سۈپىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش ئۈچۈن، يۈەن گويىڭ ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت مىنىپ، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۈرۈمچى بىلەن ئەينى چاغدىكى مىچۈەن ناھىيەسى ئارىلىقىدا قاتراپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دەريا بويىدىكى تۈرلۈك قەغەز زاۋۇتى، ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش زاۋۇتى قاتارلىق كىچىك كارخانىلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغان ئۈچ يىلدا، يۈەن گويىڭ بۇلغانغان كېرەكسىز سۇنى تۈزەش توغرىسىدا نۇرغۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم پاسكىنا سۇدىن قايتا پايدىلىنىش توغرىسىدا تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت شىمىگۇ دەرياسىدا پاسكىنا سۇ ئامبىرى قۇرۇپ، سۈزۈك سۇ بىلەن پاسكىنا سۇنى ئايرىدى ھەم پاسكىنا سۇنى تۈزەش گۇرۇپپىسى قۇردى.» يۈەن گويىڭ مۇنداق دېدى: كۆپ خىل يول ئارقىلىق مىچۈەن ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى بۇلغىنىش مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىندى.

  20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ھۆكۈمەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى، يۈەن گويىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى پار قازان چاڭ - توزانلىرىنى تازىلىغۇچنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تەجرىبە قىلىپ كېڭەيتىشكە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى.

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق سانائەت شەھەرلىرىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان زاۋۇت، كان، كارخانىلار چىقارغان «ئۈچ كېرەكسىز»نىڭ بۇلغىشى ھەم ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، يۈەن گويىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ توپلام قىلىپ تۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەم «ئۈچ كېرەكسىز»دىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى.

   مۇھىت ئىلمىنىڭ تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇش

  «قەتئىيلىك» ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ يۈەن گويىڭغا بەرگەن باھاسى بولۇپ، يۈەن گويىڭنىڭ ئوغلى يۈەن لېي بۇ سۆزگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە.

  «شىنجاڭدىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى خالىغانچە سورىسىڭىز، دادام ھەممىسىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.» يۈەن لېي مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ دادامنىڭ يىل بويى سىرتقا چىقىپ نەق مەيداندا ئىلمىي تەكشۈرگەنلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ياش ۋاقتىدا دادام كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسە بىر - ئىككى ئايدا ئاران قايتىپ كېلەتتى، 70 ياشتىن ئاشقان چاغدىمۇ، دادام يەنە ئەترەتنى باشلاپ دالىغا بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايدا بىر تۇرغانچە ئىككى ئاي تۇرغانىدى. ئۆيدىكىلەر دادامنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيتتۇق، لېكىن كۆپچىلىك نەسىھەت قىلساقمۇ، ئۇنىڭ ئاڭلىمايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. دادام ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىمەن دېسە، ھەرقانچە قىلىپمۇ رايىنى ياندۇرغىلى بولمايتتى».

  50 نەچچە يىلدىن بۇيان، يۈەن گويىڭنىڭ قەدىمى شىنجاڭنىڭ تاغلىرى، دەريالىرى، قۇملۇق، بوستانلىقلىرىنىڭ ھەممە يېرىگە يەتتى، ئۇ 20 نەچچە تۈرلۈك دالىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتى ۋە ئون نەچچە تۈرلۈك مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم قاتناشتى، 260 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە، ماقالە ئېلان قىلدى، 30 پارچىگە يېقىن مەخسۇس ئەسەر ئېلان قىلدى، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا 30 نەچچە تۈرلۈك تەدبىر بەلگىلەش تەكلىپى بەردى. 1999- يىلى يۈەن گويىڭ پېنسىيەگە چىقتى. ئۇ گەرچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتتىن ئايرىلمىدى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ئۈچۈن داۋاملىق تەرەپ - تەرەپكە قاترىدى.

  دادىسىنىڭ تەسىرىدە، يۈەن لېي داشۆدە ئېكولوگىيە - جۇغراپىيە تەتقىقاتىغا ئالاقىدار كەسىپنى تاللىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ، شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلدى.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدا دادام ياشىنىپ قالدى، دالىغا بارىدىغان ۋاقتىمۇ ئازايدى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئائىت كىتابلارنى تۈزۈشكە سەرپ قىلدى.» يۈەن لېي مۇنداق دېدى: مەكتەپ ۋە ئاپپاراتلار دادامنى دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلسا، دادام خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولىدۇ، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۈچۈن 90 قېتىمدىن ئارتۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ۋە لېكسىيە سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت ئاسراش قىزغىنلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغىدى.

  كۆپ يىلدىن بۇيان، يۈەن گويىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمەتچىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە رولىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، 80 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېلىھەم دەم ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى