تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەلرايى ئۈچۈن 45 يىل ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك

− قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چېڭگۇڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي

ۋۇ چېڭگۇڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 1974- يىلى، 17 ياشلىق ۋۇ چېڭگۇڭ شەھەردە قالغان زىيالىي ياش سالاھىيىتى بىلەن مەھەللىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. 45 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 مەھەللىدە خىزمەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ چاقىرىقىغا جەزمەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بولسا جەزمەن ياردەم بېرىپ، چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبى بىلەن ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

2016- يىلى 59 ياشلىق ۋۇ چېڭگۇڭ شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋۇ چېڭگۇڭ يەنىلا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا پايپېتەك بولۇپ، مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قاراشلىق رايوننىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى ئۈچۈن تىرىشماقتا. ۋۇ چېڭگۇڭ مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيان، مەن پەقەت بىرلا ئىش − مەھەللە ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلدىم.»

مەھەللە خىزمىتىدە باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىش

«ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايدا بولۇپ، ئەتراپتىكى 18 يېزا - بازارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى بولغاچقا، كۆچۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەر بىرقەدەر كۆپ، شەھەر - بازار ئاھالىسىدىن 207 ئائىلە، يېزا ئاھالىسىدىن 1592 ئائىلە، كۆچمە ئاھالىدىن 82 ئائىلە بار» دېدى مەھەللىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدىغان ۋۇ چېڭگۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

2017- يىلى، ۋۇ چېڭگۇڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىگە بېرىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئۇ تەشكىلگە مۇنداق ۋەدە بەردى: ئۈچ يىلدا بۇ جاينى داڭلىق مەھەللە قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن.

ئەينى چاغدا ئىتتىپاق مەھەللىسى قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. ۋۇ چېڭگۇڭ ۋە يەتتە نەپەر مەھەللە كادىرى ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئالغان بىر ئىشخانىدا ئىش بېجىرىپ، ئىشنى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشتىن باشلىدى، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئىككى يىلدىن كېيىن، ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ خىزمىتى پۈتۈن شەھەردىكى مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.

8- ئاينىڭ 7- كۈنى، بۇ يىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىتتىپاق مەھەللىسى مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرگىنىمدە، دېرىزىلەر يورۇق بولۇپ، زالنىڭ ئىچى پاكىز ئىدى، ھەرقايسى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىدە خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتاتتى؛ سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى بېزىلىۋاتقان بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىش رايونى، دورا تەقسىملەش رايونى، ئوكۇل سېلىش رايونى، كۈتۈش رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

ۋۇ چېڭگۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللىدە يەنە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى، مەھەللە كۇتۇپخانىسى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلار قۇياش نۇرى ئائىلىسى، ياش - ئۆسمۈرلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە زالى، ھۆسنخەت - رەسىم ئۆيى، شاھمات - قارتاخانا قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن يەنىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ.

قوشنىلار ئىناقلىقىدىكى يېپىشتۇرغۇچ

«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەر خىل مەسىلىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلار مېنى ئىزدەپ كەلسىلا، مەن ھەرگىز سەل قارىمايمەن» دېدى ۋۇ چېڭگۇڭ. كۆپ يىل مەھەللە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋۇ چېڭگۇڭ ئاممىغا يېقىن، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بىر يۈرۈش خىزمەت ئۇسۇلىنى يەكۈنلىدى، يەنى خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى بىنانىڭ ئىچىدە ھەل قىلىش، ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدە ھەل قىلىش، ماكرولۇق مەسىلىلەرنى مەھەللە ئىچىدە ھەل قىلىش.

2018- يىلى 7- ئايدا، ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونىدىكى 70 ياشتىن ئاشقان بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالىنىڭ ئۆيىدىن سۇ چىقىپ كېتىپ سۇ بېسىپ كەتتى، لېكىن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالە ئۆيدە يىل بويى تۇرمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى. ۋۇ چېڭگۇڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال رېمونت سايمانلىرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ باردى.

ۋۇ چېڭگۇڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالىگە مۇنداق دېدى: «تۆلەم ئىشىنى كېيىن دېيىشەيلى، سىز ئاۋۋال ئىشىكنى ئېچىڭ، مەن سۇ تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلاي، ئىزچىل سۇ ئېقىپ تۇرسا بولامدۇ؟» دېگىنىچە ئىشىكتىن كىرىپ رېمونت قىلىشقا باشلىدى، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالە بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خىجىل بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاستىنقى قەۋەتتىكى ياشانغان كىشىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇ تۇرۇبىسى رېمونت قىلىنىپ بولدى، ئىككى ئائىلىنىڭ زىددىيىتىمۇ ھەل بولدى.

ۋۇ چېڭگۇڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 47 زىددىيەت، ماجىرانى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، بۇ، 648 ئائىلىدىكى 1944 ئادەم قېتىمغا چېتىلىدۇ.

2018- يىلى 10- ئايدا، ئېۋىرغول رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ياردىمى، قوللىشىدا، ئىتتىپاق مەھەللىسىدە يەنە «ۋۇ چېڭگۇڭ خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسى» قۇرۇلدى.

قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەتكۈزۈپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشىغا موھتاج، ۋۇ چېڭگۇڭ ياش يولداشلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى بىڭخې يولى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى چېن يۈباۋ دەل ۋۇ چېڭگۇڭ قولمۇقول يېتەكلەپ چىققان شاگىرتلارنىڭ بىرى. ئەينى يىلى، مەھەللىگە يېڭى خىزمەتكە كەلگەن چېن يۈباۋ ئۇششاق - چۈششەك خىزمەت ۋە ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا بىرمەھەل چېكىنىش غەرىزىدە بولغانىدى. ۋۇ چېڭگۇڭنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى بىلەن، ئاخىر ئۇ مەھەللىدە قېلىشنى تاللىدى.

ۋۇ چېڭگۇڭ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق مەھەللە خىزمىتى تەجرىبىسىنى ياشلارغا ئۆگەتتى، ماكرولۇق مۇلازىمەت قىلىش، مىكرو جەھەتتىن يېتەكلەش، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، ئاغرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش... ۋۇ چېڭگۇڭدىن ئۆگەنگەن بۇ خىزمەت تەجرىبىلىرى ياشلارنىڭ ئىش ئورنىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى. 2017- يىلى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە «ۋۇ چېڭگۇڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرى ئىشخانىسى» قۇردى، ئىشخانىغا تايىنىپ، ۋۇ چېڭگۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە مۇنەۋۋەر مەھەللە خىزمەتچىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كىشى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياكى مەھەللە مۇدىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى