− جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى چارلاش-ئېچىش تەتقىقات يۇرتى چارلاش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گو شۈگۇاڭ توغرىسىدا
گو شۈگۇاڭ، قەدىمكى تۇراقلىق يەر قاتلىمى ئېنېرگىيە مەنبەسى شىفىرىنى يەشكەن نېفىت چارلاش خىزمەتچىسى. ئۇ ۋەتەننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چۆل - باياۋاندا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىپ، يىلتىز تارتىپ، نېفىت چىقمىغۇچە نىيىتىدىن يانمىدى. ئۇ ئەترەتتىكىلەر بىلەن 380 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭغار ئويمانلىقىنى كېزىپ، نېفىت چارلاشتىكى چەكلەنگەن رايونلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ماخۇ ۋە جىمىساردىن ئىبارەت 1 مىليارد توننىلىق چوڭ تىپتىكى ئىككى نېفىتلىكنى بايقاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە بىخەتەرلىك بولتىسىدىن بىرنى چىڭ ئورناتتى؛ ئۇ دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى 1- دەرىجىلىك مۇكاپات نەتىجىسى بولغان «ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاش نەزەرىيە تېخنىكىسى ۋە ماخۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشى»غا مۇھىم تۆھپە قوشقۇچىلارنىڭ بىرى.
■ ماخۇدا كەسكىن قارار چىقىرىپ، قورام تاشلىق «ھالاكەت لىنىيەسى»نى بۆسۈپ ئۆتۈش
2008- يىلى، 26 ياشلىق گو شۈگۇاڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ماگىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى 1- چوڭ نېفىتلىك بارلىققا كەلگەن جاي قارامايغا كەلدى.
قاراماي ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ماخۇ يانتۇلۇق رايونىغا قاراپ يۈزلەنگەن 20 يىلدىن بۇيان يەتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئۈچۈن 2- قاراماي نېفىتلىكىنى ئىزدەش كۈچ ئۇلاش كالتىكى مۇشۇ پەيتتە گو شۈگۇاڭنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بۇ يۈگۈرۈش يولى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون قورام تاشلىقىنى چارلاش ساھەسىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۆرنىكى بولۇپ باقمىغان چەكلەنگەن رايون ئىدى.
نېفىت زاپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چارلىنىش - چارلانماسلىقىدا، نېفىت زاپىسىنىڭ تىپى ۋە زاپاسنى كونترول قىلىش ئامىلى بىلەن كۆلەم ئىنتايىن مۇھىم. گو شۈگۇاڭ رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن نۇرغۇن كونا قۇدۇقنى ئويلاپ، «ئالتۇن چارە»دىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى − نېفىت زاپىسى فازا بەلبېغىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىسا، چوڭ كۆلەمدە زاپاس شەكىللىنىشى كېرەك! ئۇ يۈرەكلىك ھالدا 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى مابېي نېفىتلىكىنىڭ نېفىت قاتلىمىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقتى. جەمئىي 31 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرەش ماتېرىيالىنى چۈشەندۈرۈپ، 26 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق چۆكۈندى سىستېمىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ كەسكىن ھالدا ئالدىن مۇنداق مۆلچەرلىدى: ماخۇ يانتۇلۇقىنىڭ 3500 مېتىر يەر ئاستىدىمۇ ئەلا سۈپەتلىك زاپاس قەۋەت بار!
2012- يىلى، گو شۈگۇاڭ ئەترىتى ماخۇ 18- قۇدۇقىنى تەۋەككۈل قىلىپ چارلاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت نېفىتى ئېقىمىغا ئېرىشتى. ماخۇ 18- قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىشىغا ئەگىشىپ، ماخۇنى چارلاش توسالغۇسىز يۈرۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە چوڭ نېفىت زاپىسى توپى بايقىلىپ، جەنۇب - شىمالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نېفىت رايونى شەكىللەندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتا نېفىت چارلاشتا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئىدى. مىليونلىغان يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان بىر ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ شىفىرى جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن يېشىلدى، گو شۈگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى ئاخىر يەر ئاستىدىكى بۇ خەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن يەنە چوڭ نېفىتلىك ئىزدەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
■ ماخۇدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ «جان تومۇرى»نى قوغداش
ماخۇنىڭ ھەممە يېرىدە قۇدۇقلار قېزىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، جىمىساردىكى سىلانېتس نېفىتىنى چارلاش - ئېچىشمۇ جىددىي ئىشلەندى.
دۆلەت ئىچىدىكى سىلانېتس نېفىتىنى چارلاشنى تەتقىق قىلىش بوشلۇقى ئالدىدا، گو شۈگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەترىتى، جىمىسار 174- قۇدۇقىدىن 300 مېتىرغا يېقىن ئۇدا جىنس ئەۋرىشكىسى ئېلىشنى لايىھەلەپ ھەم سانتىمېتىر دەرىجىلىك جىنس ئەۋرىشكىسىنى تۈجۈپىلەپ تەسۋىرلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەجرىبە قىلىپ بىرلەشمە ئۆلچەش ئارقىلىق، گورىزونتال قۇدۇق ھەجمىنىڭ قاتلام يېرىش ئۆزگىچە تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى.
ھېچكىم سىناپ باقمىغان بۇ تۈجۈپىلەنگەن ئۇسۇل گو شۈگۇاڭ ئەترىتىگە مول نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى: جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا تۇزلۇق كۆل ئويمانلىقى سىلانېتس نېفىتى توپلىنىش نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، سىلانېتس نېفىتىنى باھالاش، زىچ تاغ جىنسلىرى ئارىسىدىكى كاۋاكلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى، سىڭىشچانلىقى يۇقىرى جىنس قاتلىمىنى مۆلچەرلەش تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى سىلانېتس نېفىتىنى گېئولوگىيەلىك باھالاش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئاخىرىدا 1 مىليارد توننىلىق جىمىسار نېفىتلىكىنى بايقاشقا يېتەكچىلىك قىلدى، تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن گېئولوگىيەلىك تونۇش ۋە تېخنىكىسى دۆلەت ئىچى سىلانېتس نېفىتىنى چارلاش - ئېچىشتىكى «قىممەتلىك قامۇس»قا ئايلاندى.
2017- يىلى 9- ئايدا، گو شۈگۇاڭ يەنە بىر قېتىم ماخۇ يۇقىرى ئورقۇ گۇرۇپپىسى 200 مىليون توننىلىق زاپاس مىقدارى بىرلەشمە جېڭىگە ئاتلاندى.
مەسئۇل خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ماخۇ يۇقىرى ئورقۇ گۇرۇپپىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، نېفىت بىلەن سۇنىڭ بىللە چىقىدىغانلىقىنى، زاپاس مىقدارنى ھېسابلاش لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى بىلەتتى.
ھەر خىل لايىھەلەر تەكرار - تەكرار سىناق قىلىندى، يەنە تەكرار - تەكرار بىكار قىلىنىپ قايتا تۈزۈلدى... ئاخىر ماخۇ يۇقىرى ئورقۇ گۇرۇپپىسىنىڭ 200 مىليون توننىلىق نېفىت گېئولوگىيەلىك زاپاس مىقدارى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ماخۇ 1 مىليارد توننىلىق چوڭ نېفىت رايونىنىڭ بايقىلىشىغا تىرەك بولۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ «جان تومۇرى»نى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
■ ماخۇدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، خەلقنىڭ «بەخت مەنبەسى»نى كاپالەتلەندۈرۈش
ماخۇ قورام تاشلىق نېفىتلىكىدىكى نېفىت تەركىبىدە كەم ئۇچرايدىغان نافتېن ئاساسىي تەركىبى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك راكېتاسى ۋە ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىدا زۆرۈر ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق خام ماتېرىيالى. ماخۇ چوڭ نېفىتلىكىنىڭ بايقىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ بايقىلىشى جەريانىدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىلەر يەر شارى بويىچە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون قورام تاشلىق زور ئىز باسما دائىرىدە نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاشنى ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان «جۇڭگو نەزەرىيەسى» ۋە «جۇڭگو تېخنىكىسى» بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا «جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى» ۋە «جۇڭگو كۈچى»نى بېغىشلىدى.
ھازىرقى ماخۇدا، قۇدۇق جازىلىرى زىچ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇرغىلاش ماشىنىسى گۈركىرەپ تۇرىدۇ، ھەممە جايدا جۇڭگو نېفىتچىلىرىنىڭ موكىدەك ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، ماخۇ نېفىتلىكىنىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى 5 مىليون توننىغا يېتىدۇ.
ياشلىقىنى ئەسلىگەندە، گو شۈگۇاڭ «ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىغا بېرىش» دېگەن شۇ سۆزدىن تەسىرلىنىدۇ. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراققا كېلىپ، چۆللۈكتە پۇشايمانسىز يىلتىز تارتتى، ھاردىم - تالدىم دېمەي، كۈرەش قىلىشقا قەسەم بىلەن ئىرادە باغلاپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىنى ۋەتەننىڭ نېفىت چارلاش ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نېفىت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.