تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەشپىيات تالانت ئىگىسىنىڭ بەختلىك ھاياتى

− ساۋەن ناھىيەسى قورقىس بازىرىدىكى دېھقان خەن بو توغرىسىدا

ئامېرىكا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىدىن «قۇسۇر تېپىش»قا پېتىنىش؛ ئۆزى كەشىپ قىلىپ ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق ماشىنىسىنى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇتەخەسسىسىنى «ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۆگىنىش»كە جەلپ قىلىش؛ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن يۇرتداشلارنى ئۇنتۇماي، كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىش يولىغا مېڭىش. ئۇ دەل خەن بو، ساۋەن ناھىيەسى قورقىس بازىرىدىكى بىر يەرلىك دېھقان.

كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە

دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تالانت ئىگىسى

1974- يىلى تۇغۇلغان خەن بو تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن رېمونتچى بولغان، ئاپتوموبىل تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان... 2003- يىلى، كۆپ يىل سىرتتا تىرىكچىلىك قىلغان ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 2008- يىلى، خەن بو 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئامېرىكىنىڭ پاختا تېرىش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەشپىيات تالانت ئىگىسىگە ئايلىنىش يولى ئېچىلغان. 2014- يىلى، خەن بو پاختا تېرىش ماشىنىسىدا ئوت مۇداپىئە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان، ئۇ قايتا - قايتا ئىزدىنىپ، پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ بىر يۈرۈش ئوت مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، سىناپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئەڭ ئاخىر پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمە لايىھەسىگە ئايلانغان.

خەن بو مۇنداق دېدى: «مەن ئادەتتە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تۈرىدىكى كىتابلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداق قىلىپ ئاستا - ئاستا كەشپىياتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.» تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش خەن بو ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل ھەمراھ بولدى، ئون يىلدىن بۇيان، خەن بو ۋە كوپىراتىپ ئەزالىرى دائىم ئەمەلىي مەشغۇلات ئەھۋالىغا قارىتا يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، مەغلۇپ بولسا چۆرۈپ تاشلاپ قايتىدىن باشلىدى، قانچىلىك ماتېرىيال ئىشلەتكەنلىكىنى ھەتتا ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيتتى.

خەن بو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان «ئۆرلەش - چۈشۈش شەكلىدىكى يۆتكىلىشچان پاختا دۆۋىلەش ماشىنىسى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى ھەممە ئائىلىگە كىردى. كۆپلىگەن دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى خەن بونى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى سېتىۋالماقچى بولدى، ئەمما ئۇ رەت قىلدى. ئۇ، بۇلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىكى مەقسىتىم دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ۋە قولايلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، دېدى.

يۇرتداشلارنى ئۇنتۇمىغان

بېيىش باشلامچىسى

«بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىدۇ»، بۇ خەن بو دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز. 2011- يىلى، خەن بو پارتىيەگە كىردى، ئۇ ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئەتراپىدىكى ماشىنىسازلىقتىن خەۋىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلارغا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تېخنىكىسى، ھۈنىرىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويدى. ھازىرغىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 80دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، ئۇلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 - 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

يىراق - يېقىنغا داڭلىق قابىل ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەن بونىڭ نۇرغۇن يەرلىك «مەستانىسى» بار. 2018- يىلى، خەن بو قورقىس بازىرىنىڭ سۇڭشېڭگۇڭ كەنتىدە باشلامچى بولۇپ خۇڭجى يەر پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 240 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ قاتناشتۇرۇپ، جەمئىي 6000 مودىن ئارتۇق يەرنى پاي قوشۇپ باشقۇردى، شۇ يىلى ھەر مو يەردىن 1000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ناھىيە بويىچە 34 مىڭ مو يەردە ئورتاق پايدا ئېلىش تۈزۈمىدىكى تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، بۇنىڭدىن 481 ئائىلىلىك ئامما نەپكە ئېرىشتى.

خەن بو مۇنداق دېدى: «كوپىراتىپ ئەزالىرىغا پايدا تەقسىملەپ بېرىش ئۈچۈن نەق پۇلنى ئۈستەلگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا ئۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن، بۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل ئالغان پەيتتە ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلدىم. كۆپچىلىكنىڭ خۇشال چېھرىنى كۆرگىنىمدە، بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى يۈرىكىمدىن ئۇرغۇپ چىقتى، كۆپچىلىكنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە بەرگەن مەدىتى مېنىڭ بۇ ئىشلارنى ياخشى قىلىشىمغا تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى».

تەرەققىيات پىكىر يولى ئالدىدا ماڭغان

باشلامچى

خەن بونىڭ تەرەققىيات پىكىر يولى ئالدىدا ماڭغان، 2016- يىلى 3- ئايدا، ئۇ باشلامچى بولۇپ ساۋەن ناھىيەسىدىكى شىنيې، تيېنيۇ، كاڭۋاڭدىن ئىبارەت ئۈچ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە شۇاڭچۈەن، رۇيشياڭدىن ئىبارەت ئىككى دېھقانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە كوپىراتىپ قۇرۇپ، بىرلىشىپ بازار ئېچىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قۇۋۋەتلىك تىراكتور، تەڭ ئىيونلۇق دورا پۈركۈش ماشىنىسى، پاختا تايلاش - تېرىش ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەل جايىدا ئوغۇت تەڭشەش ماشىنىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان دېھقانچىلىق ماشىنا - جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىشقا تايىنىپ، خەن بونىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى 2019- يىللىق كېۋەز تېرىش خىزمىتىنى ناھايىتى تېزلا تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرلەشمە كوپىراتىپ بارلىق سېيالكا - سايمانلارغا پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت - كونترول سىستېمىسى ئورناتتى، خېرىدارلار ئۆيىدىلا يان تېلېفون ئارقىلىق تېرىقچىلىق پۈتۈن جەريانىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، تېرىقچىلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولدى. خەن بو پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەشغۇلات سۈپىتىمىز، مەشغۇلات كۆلىمىمىز، مەشغۇلات سۈرئىتىمىز ۋە ئۈنۈمىمىز ئىنتايىن يۇقىرى، مۇھىمى مەشغۇلات سۈپىتىمىز ياخشى، ئارىلىق قېلىش، تەكرارلىنىش، يەر چۈشۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرى بېشىمىزنى ئاغرىتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق».

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىت ئاسراش، يەر قېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا خەن بو ئۇزاق كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلاندى ھەم ئۇنى ھەرىكىتىدە كۆرسەتتى. 2018- يىلى ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن ناھىيەدىكى 500 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى چوڭقۇر بوشىتىش، چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يەنە سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئۆزگەرتىپ، يىغىۋېلىنغان سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى بىۋاسىتە پىششىقلاپ دانىچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاق رەڭلىك بۇلغىنىشنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا قارىتا خەن بونىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشقان. ئۇ ئۇرۇق تاللاش، تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىدىن يىغىۋېلىش، پىششىقلاشقىچە بولغان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئايلانما زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، نۆۋەتتىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولماسلىقتەك «مۇرەككەپ ۋە داۋالاش قىيىن كېسەل»نى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ئۈچۈن يېڭى كىرىم ئاشۇرۇش نۇقتىسى ياراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى