كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆزىتىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلاندى. كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش رايوننىڭ رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول.
ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى ئات بېقىش چوڭ رايونى بولۇپ، ئۇزاق ئات بېقىش تارىخى ۋە قويۇق ئات مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە. ئاتچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش مەۋقەنى خاس بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، ئاتچىلىق كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ ھەرىكەتنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ ئاتچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 22 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 26 يىللىق سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز زورايدى
«خىرۇستال كەبى رومكىلاردا جىلۋە قىلار ئۈزۈم ھارىقى، بىر ئوتلىساڭ پىپا كۈيى ئاڭلىغاندەك مەستخۇش قىلار سېنى». شىنجاڭغا كېلىپ، يەرلىك ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىپ باقمىسىڭىز قانداق بولىدۇ! جۇڭگودىكى داڭلىق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى شۇ جايدىكى ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈر ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە ھاراقچىلىق قورۇقلىرىنى ئەلالاشتۇردى ۋە كۈچەيتتى. دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى لوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقىغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ «تەم سىرى»نى بىرلىكتە ئاچايلى. (مۇخبىر چېن ۋېنتاۋ)
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئوچۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېببىي دورا ساھەسىدە ئەتراپقا داڭقى چىقىپ، كەسىپ تەرەققىياتى كۈنسېرى زورايدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىغا تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى.
«ئايلانما ياغاچ ئات»قا ئولتۇرۇپ سۈت سېغىش، موزاي ئايرىم «ياتاق بىناسى»دا يالغۇز تۇرۇش، ئېھتىياجىغا قاراپ لايىھەلەنگەن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى «تاللا تاماق» يېيىش... بۇ، سانجى شەھىرى زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى زامانىۋى چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا كۆرۈلگەن يېڭىلىقلار.
ۆۋەتتە، شىنجاڭدا 26 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى تۈرلۈك كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، يىغىۋېلىشنىڭ ئىلگىرىلەش دەرىجىسى %90تىن ئاشقان
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا قارىغاندا مول، كۈزگى بۇغداي + ئېڭىز قونىقىدىن ئىبارەت «يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش» جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق ئەندىزە.
شىنجاڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇ، دۇنيا شوخلا خەرىتىسىدە، پىششىقلىنىدىغان شوخلا كەسپى شىنجاڭنىڭ نام كارتىسى بولۇپ قالدى.
فوتېسى، جاشىنا، خېيلوخەن، زىجىڭجۇ، خۇاڭشىڭ... 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، سانجاق-سانجاق قىزىل، قارا، سۆسۈن، سېرىق رەڭلىك مېۋە شوخلىلىرى شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.