ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ %90تىن كۆپرەككە يېتىشى مۆلچەرلەندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 26 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى تۈرلۈك كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، يىغىۋېلىشنىڭ ئىلگىرىلەش دەرىجىسى %90تىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق، ياغلىق داندا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ماسلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، جىددىي يىغىۋېلىش، جىددىي تېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماشىنىدا يىغىۋېلىپ زىياننى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ماشىنا كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زىيانغا ئۇچرىتىشى تۆۋەن يىغىۋېلىش ماشىنىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، مەشغۇلات ماشىنا - سايمانلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈش، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ياخشى ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا ئايلاندۇردى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5400دىن ئارتۇق قوناق يىغىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا ھەيدەش مەشغۇلاتچىسى تەربىيەلەنگەن. ھەرقايسى جايلار كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مەزگىلىدە، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، بېيدوۋ يول باشلاش شوپۇرسىز ھەيدەش سىستېمىسىدىن 45 مىڭ دانە(يۈرۈش)نى، تارقاقلاشتۇرۇش شەكلىدىكى يەر تۈزلەش ماشىنىسىدىن 3000نى، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىدىن 57 مىڭ يۈرۈشنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %90تىن كۆپرەككە يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.5، %95.5، %97كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قاتارلىق تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ماس ھەمكارلىشىپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش، ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش، ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى چۆرىدەپ، ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ خىل، سېتىۋېلىش - سېتىش جانلانغان، ئوبوروتى راۋان بولغان ئاشلىق بازىرى ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ياخشى قوغدىدى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 5 مىليون 250 مىڭ توننا كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 127 مىڭ توننا ئاشتى.