دۆلىتىمىز دۇنيادىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئۈچ چوڭ يادرولۇق رايوننىڭ بىرى بولۇپ، شوخلا قىيامىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا سودا مىقدارىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالتۇن رايون، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %80ىنى، شوخلا قىيامى ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ شوخلىسى نېمىشقا شۇنچە قىزىل؟ شىنجاڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇ، جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالتۇن رايون بولۇپ، كۈچلۈك تەننەرخ ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە. شۇنداق بولۇپلا قالماي، شىنجاڭ شوخلا كەسىپ توپىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 200دىن ئارتۇق شوخلا پىششىقلاش كارخانىسى بار، مەملىكەت بويىچە شوخلا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى مۇھىم خاس كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سىجىل كۈچەيتىلگەچكە، شىنجاڭ شوخلا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، ساغلام بولۇپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

شوخلا ئالاھىدە قىزاردى «ياخشى پايدا» ئېلىپ كەلدى

شىنجاڭ شوخلا كەسىپ توپىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 200دىن ئارتۇق شوخلا پىششىقلاش كارخانىسى بار، مەملىكەت بويىچە شوخلا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىل يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ شوخلا كەسپىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكى سىجىل ئاشتى.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى كۈچەيتىلدى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈلدى، تەرەققىياتقا «ئۆزەك» كىرگۈزۈلدى

قوناق، تاۋۇز، قوغۇن، شوخلا، پاختا، ئۈزۈم ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقى ئالەم بوشلۇقىغا تاللاپ ئەۋەتىلدى، ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى زىرائەتلەرنىڭ ئەلا سورتىنى تېز يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ماشىنىلاشقان كۆچۈرۈپ تىكىش نىسبىتى %100كە يەتتى! شىنجاڭ ماناستا شوخلا كۆچۈرۈپ تىكىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تىپتىكى ماشىنىلاردىن پايدىلىنىپ شوخلا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىپ، ماشىنىلاشقان كۆچۈرۈپ تىكىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

پەيزاۋات: ئوخشىغان «شوخلا»لار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، «كۆكتات»تىن مول ھوسۇل ئېلىش مەنزىرىسى شەكىللەندى
مول ھوسۇلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىش
چاقىلىق: شوخلىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى
مارالبېشىدا شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ بېيىش يولى «قىزاردى»
باغراش ناھىيەسىدىكى 332 پارنىكتا مول ھوسۇل مەنزىرىسى
مېۋە-چىۋىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئۈزۈش-يىغىش ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولدى
كۆكتات پارنىكى يېشىللىققا پۈركەندى