قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش
شىنجاڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ
يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېببىي دورا ساھەسىدە ئەتراپقا داڭقى چىقىپ، كەسىپ تەرەققىياتى كۈنسېرى زورايدى.
بازار كېڭەيتىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ خاس جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى. ئاپتونوم رايوندىكى دورا كارخانىلىرى بەس - بەستە كۈچەپ، دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۈلگە كۆرسەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بازىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپى تەدرىجىي كۆلەملەشتى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ، كەسىپ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.
قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلىدى
8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ لۈجىكاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 3500 مولۇق دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش بازىسى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى. يالپۇز، يىزىخو ئەمىنى ئۆزگىچە خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، ھەسەل ھەرىلىرى بابۇنە گۈللىرى ئارىسىدا غوڭۇلداپ ئۇچۇپ يۈرەتتى.
«بازىنىڭ سۇغىرىش سۇ مەنبەسى تىيانشان قار سۈيى، كىلىمات، يورۇقلۇق، تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل. ئۆستۈرۈش، پەرۋىش جەھەتتە، بىز سۇ تېجەپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئورگانىك ئوغۇتلاش، دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقلىرىنى توسۇش، بۇلغىنىش بولمىغان، زىيانسىز يېشىل تېخنىكىسىنى قوللىنىپ دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دورا ماتېرىياللىرى سۈپىتىنىڭ مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ لۈجىكاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى لۇ جۈنيى.
داشۆ پۈتكۈزۈپ شىركەتكە يېڭىدىن كىرگەن خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بازىنىڭ شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتى − مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى دورىسى ماركا سۈپىتىنىڭ مەنبە كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتى، شۇڭا خىزمەتتە ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايتتى.
بازىدا، يىزىخو ئەمەن سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق تاللاش، ئۆستۈرۈش، ئېتىز پەرۋىشى، ھوسۇل ئېلىش، ئاپتاپقا سېلىشتىن تارتىپ دورا ماتېرىيالى قىلىپ ياساشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريان تەپسىلىي خاتىرىلىنىدۇ. «بىز سورت يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى GAP ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز، كېيىن يەنە پاتېنت ئىلتىماس قىلىمىز.» لۇ جۈنيى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلار ئۆگەنگەن يېزا ئىگىلىك ئىلمى، بىيو تېببىي دورا كەسپى بىلىملىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى.
يىندولەن دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ياۋا يىزىخو ئەمىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆندۈرۈپ، ياۋا يىزىخو ئەمەن دورا ماتېرىياللىرى كارخانىسىنىڭ ئىچكى تىزگىنلەش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، دۆلەت دورىگەرلىك قامۇسىدىكى يىزىخو ئەمەن دورا ماتېرىياللىرى بىلىمى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى «يىزىخو ئەمەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى»نى تۈزدى. دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش، دورا ئىشلەپچىقىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك يىزىخو ئەمەن ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىمۇ ناھايىتى زور بۆسۈش بولدى.
يىزىخو ئەمەن دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش ئالاھىدىلىكى ھەم دورىنىڭ تەسىرى، دورىنىڭ ئۈنۈمى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش بىلەن بىللە، يىندولەن دورىگەرلىك شىركىتى يەنە يالپۇز، بەنلەنگېن، ئارپىبەدىيان، زوفا، بابۇنە قاتارلىق شىنجاڭنىڭ 20 خىل داڭلىق دورا ماتېرىيالىنى سۈنئىي كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ئەلا سۈپەتلىك دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈردى.
«يىندولەن دورىگەرلىكى ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ئۇنىڭ بازىسى ۋە دورا ماتېرىياللىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۈلگە بولۇپ قالدى. مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، سۈپىتى ئەلا، سۈپىتىنى تىزگىنلىگىلى، مەنبەدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، شىنجاڭدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى ئىچىدە ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس جيا شياۋگۇاڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرىنىڭ «دۇنياغا كېلىشى» ھەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئەسلەپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
بۇ يىللاردىن بۇيان، يىندولەن دورىگەرلىك شىركىتىدىن باشقا، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن دورا كارخانىلىرى بەس - بەستە «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى + بازا» ياكى ئۆزى بازا قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق دورا سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچىدە دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش (ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆلىمى 4 مىليون موغا يەتكەن.
دورا ماتېرىياللىرى بازىرى يولى تېز راۋانلاشتى
«دورا ماتېرىيالى ياخشى بولسا، دورا ئاندىن ياخشى بولىدۇ.» بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى. دورا ماتېرىياللىرى يۇقىرى سۈپەتلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى دورا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان زۇكام جەۋھىرى، شىپايى چىش مىلىكىنى چىڭىتىش سۇيۇقلۇقى، مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈردىكى دورا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا بازار تاپتى، ھەربىر تۈرنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ بازاردا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، يىزىخو ئەمىنى قاتارلىق داڭلىق دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈشتىن كىرگەن مو بېشى كىرىمىنىڭ 4000 - 5000 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. لېكىن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كارخانىلار زاكاز بويىچە سېتىۋالغاندىن باشقا، نۆۋەتتە شىنجاڭدا تېخى كۆلەملەشكەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرى يوق. شىنجاڭدىكى دورا كارخانىلىرى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خاۋجوۋ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىدىن سېتىۋالىدۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابەت دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق دورا سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىنچېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بازارنىڭ «تۈرتكىسى»گە جىددىي ئېھتىياجلىق. دورا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش زۆرۈر، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، چېن جىنچېڭ جۇڭيى دورا ماتېرىيالى تور ۋە تور سىرتى سودا سۇپىسىنىڭ سالاھىيەت رەسمىيىتىنى بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ، شىنچىكاڭ دورىگەرلىكى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يادرولۇق تۈرلىرىنىڭ بىرى.
«كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭنىڭ داڭلىق دورا ماتېرىياللىرىنى ساقلايدىغان ئامباردا ساقلاش - ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسى پۈتتى، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. جۇڭيى دورا ياسالمىسىنى پىششىقلاش (ئىنچىكە پىششىقلاش) سۇپىسى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سۇپىسىنى يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولىدۇ.» چېن جىنچېڭ مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان تور ۋە تور سىرتى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا سۇپىسى خەلقئارا سودا سۇپىسى بولۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكىلى، يەنە جۇڭگو شياڭگاڭ ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرى بىلەن ئۇدۇللاشقىلى بولىدۇ.
نەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 جۇڭيى دورا ياسالمىسىنى پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىگە بېرىپ، ھەمكارلاشقان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 100 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى زاراڭزىنى سېتىۋالدى. «شىنجاڭ بويىچە زاراڭزا تېرىلغۇ كۆلىمى 350 مىڭ مودىن 400 مىڭ موغىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ. چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق دورا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بىز كۆپ مىقدارلىق دورا ماتېرىياللىرى سودىسىنى قانات يايدۇرۇشتا ناھايىتى ئەۋزەللىككە ئىگە» دېدى چېن جىنچېڭ.
چېن جىنچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاساسلىق ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنچىكاڭ دورىگەرلىكى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.
«ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا داڭلىق دورا ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلىگەندە ۋە ئامباردا ساقلىغاندا، ئۈرۈمچى بازىرىدا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئامباردا ساقلاش - ئەشيا ئوبوروتى ۋە بازار سودىسى قىلغاندا، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، تېرىشتىن تارتىپ سودا قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىدۇ.» چېن جىنچېڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەسىپلەر باغچىسى تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى جۇڭيى دورا ياسالمىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، سودا مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.
سىياسەت كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭمۇ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىشقا مۇناسىپ ياردەم تولۇقلىمىسى مەدىتى بار.
بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى نىزامى»يولغا قويۇلدى. «نىزام»دا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆلچەملىك سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش تەلەپ قىلىندى. ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىغا قارىتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئورۇننى قوغداش، كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا يار - يۆلەك بولۇش، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى ۋە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك - دورا ماددىي ئەشيالىرى مۇندەرىجىسىگە ئىلتىماس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ قاتارلىقلار. جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، قاتارلىقلار.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «10 مىليون مو يەردە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىش»نىشانىنى بېكىتتى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايونلارغا جايلىشىش يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»غا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپى ئىلى دەرياسى ۋادىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي چېتى، تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 30 ناھىيە، شەھەر، رايونغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش يىرىك پىلانى ئورۇنلاشتۇرمىسى ياخشى ئىشلىنىپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جايىدا بولۇپ، سىياسەت يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلار ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئېتىز پەرۋىشى، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كارخانىلار دورا ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، بازاردا سېتىش راۋان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئالىملار ئورتاق قاتناشسا، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپى چوقۇم تېز تەرەققىي قىلىدۇ» دېدى خۇاڭ لېي.
4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر 3000 خىلدىن ئاشقان، بازارغا سېلىنغان تېببىي دورا تۈرى 280 خىلدىن ئاشقان، تەتقىق قىلىپ ئېچىلىۋاتقىنى 100 خىلدىن ئاشقان. «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق 38 پارچە ئىلمىي ماقالە، 14 پارچە ئەسەر نەشر قىلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ ئۈچۈن 400گە يېقىن جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈپ بېرىلدى.» شىنجاڭدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە مەسئۇل باش مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، جيا شياۋگۇاڭ شىنجاڭدىكى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ «ئاساسىي ئەھۋالى»نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، 12 يىل داۋاملاشقان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ناھايىتى رازى بولدى.
«ھازىر شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى.» جيا شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، دورا ماتېرىياللىرى خام ماتېرىيالىدىنلا يىلىغا 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتى ياراتقىلى بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىششىقلانسا، مەھسۇلات قىممىتى ھەتتا 10 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.