ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چاۋ
فوتېسى، جاشىنا، خېيلوخەن، زىجىڭجۇ، خۇاڭشىڭ... 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، سانجاق-سانجاق قىزىل، قارا، سۆسۈن، سېرىق رەڭلىك مېۋە شوخلىلىرى شاخلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.
«بۇ شوخلىلارنىڭ بەزىلىرى تاتلىق، بەزىلىرى بىر ئاز چۈچۈمەل، بەزىلىرى قۇمسىمان، بەزىلىرى چۈرۈك.» قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى جاڭ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جەمئىي 13 خىل مېۋە شوخلىسى ئۆستۈردۇق، بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ بازارغا سالدۇق، ھازىر، ھەربىر پارنىكتىن كۈنىگە 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا مېۋە شوخلىسى چۈشىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى زاكاز قىلىنغان، بازارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.»
جاڭ چاۋ فوتوسى
«بۇ سورتلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت كۆكتات تەتقىقات مەركىزىدىن كىرگۈزگەن. ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى جەھەتتە، شىخەنزە داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئاساسلىقى قۇمدا ئۆستۈرۈش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تۈپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىپ ئۆستۈردۇق، بۇنداق بولغاندا ھەم ھوسۇلنى، سۈپەتنى ئۆستۈرگىلى ھەم پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈشكە قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.» قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز كۈن نۇرى پارنىكىدا مېۋە-كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
«يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، بىز بەخت كەنتىنى تىرىشىپ قومۇل شەھىرىنىڭ ئارقا گۈللۈكىگە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئالىدىغان جايىغا ئايلاندۇرىمىز.» بەخت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل، بەخت كەنتى كۈن نۇرى پارنىكى مېۋە-كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تايانچ قىلىپ، قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، گۈلخان كاۋىپى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات-ئۆگىنىش، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، ئوماق ئەرمەك ھايۋانلار باغچىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىكەن.
قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا ئۆستۈرۈلگەن 13 خىل مېۋە شوخلىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەربىر پارنىكتىن كۈنىگە 200 كىلوگىرام شوخلا چۈشىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى شوخلىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئايرىپ قاچىلىماقتا.
جاڭ چاۋ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى