مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلى ئىجادىيىتى
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، كورلا شەھىرى بايىنغولىن مېھمانخانىسىدا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى «يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى» دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسى قىلىنىپ رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، كورلا شەھىرى بايىنغولىن مېھمانخانىسىدا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى «يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى» دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسى قىلىنىپ رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 26 يىللىق سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھازىر بار ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 120 مىڭ موغا يەتتى، 40 ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتى توپى كۆلەملەشكەن ھالدا يەنجى ئويمانلىقىدا قەد كۆتۈرۈپ، بىر تۈركۈم داڭلىق ھاراقچىلىق قورۇقلىرى يېتىشىپ چىقىپ بازارغا يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا-يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھاراقلىرىنى بازارغا سالدى. ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ تەسىر كۈچى، مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بىرى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى (ھاراق ئېچىتىش) بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ باھالىنىپ، «دۇنيا ئېسىل ھاراق خاس ئىشلەپچىقىرىش رايونى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، تەبىئىي بايلىق، ئادىمىيەت بايلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك مىراسلاردىن مۇۋاپىق، تولۇق پايدىلانغىلى ۋە ئۇنى ساقلىغىلى، ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازاردىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يەنجى ئويمانلىقى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار ئۈزۈۋېلىنغان ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈملەرنى توشۇماقتا.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەھسۇلات تەكشۈرۈش مەركىزىدە، ھاراق ئېچىتقۇچى ھاراق ئېچىتىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرمەكتە.
شىنجاڭ فاڭ شىياڭ ھاراقچىلىق قورۇقى ھاراقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىسكىلاتى. ھاراق ئىسكىلاتى شېغىلدىن ياسالغان بولۇپ، كۆلىمى 6500 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ (9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).