تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز ▕شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ «تەم سىرى»نى ئېچىش

 شىنجاڭ ـ لوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقى 

بىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشىراق ئۈزۈم ھارىقىنى تەييارلاشقا

ئۈزۈم ئۈزۈشتىن تەييار مەھسۇلات چىقىرىشقىچە

تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ

ئەگەر ئادەتتىكى ئۈزۈم ھارىقى بولسا

ئۈزۈمنى ئۈزۈپ ھاراقنى بازارغا سالغۇچە

ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ 

شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ

ئاساسلىقى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار

ئۇنىڭ قۇرۇق چىلانغاندىن كېيىنكى چىقىرىۋېتىدىغان ماددىلىرى بىر قەدەر كۆپ

ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئىنتايىن يۇقىرى

چۈنكى شىنجاڭدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ

ھەمدە ئۈزۈمنىڭ پىشىش دەۋرى بىر قەدەر ئۇزاق

شۇڭا ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئىنتايىن يۇقىرى

شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى خەلقئارادا كۆپ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

بۇ پۇرسەتتە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى

ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىنى

شىنجاڭنى كۆرۈشىنى، شىنجاڭنىڭ ئېسىل ئۈزۈم ھارىقىنى

تېتىپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن

جاڭ خەيجۈن

شىنجاڭ پىچان لوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى

جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى چېن ۋېنتاۋ

   ​«خىرۇستال كەبى رومكىلاردا جىلۋە قىلار ئۈزۈم ھارىقى، بىر ئوتلىساڭ پىپا كۈيى ئاڭلىغاندەك مەستخۇش قىلار سېنى». شىنجاڭغا كېلىپ، يەرلىك ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىپ باقمىسىڭىز قانداق بولىدۇ! جۇڭگودىكى داڭلىق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى شۇ جايدىكى ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈر ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە ھاراقچىلىق قورۇقلىرىنى ئەلالاشتۇردى ۋە كۈچەيتتى. دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى لوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقىغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ «تەم سىرى»نى بىرلىكتە ئاچايلى. (مۇخبىر چېن ۋېنتاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.