□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن
9 - ئايدىكى شىنجاڭ كەڭ تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل رەڭ تەڭشەش تاختىسى بولۇپ، ھەر خىل چىرايلىق رەڭلەر ئىچىدە شوخلىنىڭ قىزىل رەڭگى كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى سانباقباغ كەنتىدىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى توققۇز شوخلا يىغىش ماشىنىسى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، بۇ يىللىق پىششىقلىنىدىغان شوخلا يىغىش پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
«پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈشنىڭ <پايدىسى> ياخشى!» دېدى شىخۇ شەھىرى چىگىشور بازىرى لاماجاۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ بەيموۋ. بۇلتۇر جاڭ بەيموۋ 150 مو يەرگە زاكازلىق شوخلا تېرىدى، مو بېشى ھوسۇلى 12 توننا بولۇپ، ساپ كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، ئۇ ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 700 موغا كېڭەيتىپ، قىپقىزىل شوخلىلار ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۈنخې سانجى شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، لىق شوخلا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار تەرتىپ بىلەن كىرىۋاتاتتى، ئارقىدىن، قىپقىزىل شوخلىلار يەتكۈزۈش ئوقۇرىغا تۆكۈلدى، سۇدا يۇيۇش، لەيلىتىپ يۇيۇش، تازىلاش، پارچىلاش، قىيام قىلىش، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش، قاچىلاش ۋە ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق بىر قاتار ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرى سۈپەتلىك شوخلا قىيامىنى تۇڭ - تۇڭلاپ ئىشلەپچىقىرىلىش تاماملاندى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىدۇ، پۈتۈن دۇنيا چۈچۈمەل تاتلىق بولغان «شىنجاڭچە تەم»نى ھېس قىلالايدۇ.
دۆلىتىمىز دۇنيادىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئۈچ چوڭ يادرولۇق رايوننىڭ بىرى بولۇپ، شوخلا قىيامىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا سودا مىقدارىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالتۇن رايون، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %80ىنى، شوخلا قىيامى ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ.
دۇنيادىكى ھەر تۆت بوتۇلكا شوخلا قىيامىنىڭ بىر بوتۇلكىسى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن. شىنجاڭ شوخلىسى نېمىشقا شۇنچە قىزىل؟
شىنجاڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇ، جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالتۇن رايون بولۇپ، كۈچلۈك تەننەرخ ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە. دۇنيا شوخلا خەرىتىسىدە، پىششىقلىنىدىغان شوخلا كەسپى شىنجاڭنىڭ نام كارتىسى بولۇپ قالدى.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، شىنجاڭ شوخلا كەسىپ توپىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 200دىن ئارتۇق شوخلا پىششىقلاش كارخانىسى بار، مەملىكەت بويىچە شوخلا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىل يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ شوخلا كەسپىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكى سىجىل ئاشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى مۇھىم خاس كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سىجىل كۈچەيتىلگەچكە، شىنجاڭ شوخلا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، ساغلام بولۇپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.
8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كونسېرۋا سانائىتى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك شوخلا بايرىمى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا باشلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك شوخلا بايرىمى «سۈپەتلىك شوخلا، شىنجاڭنى ھېس قىلىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، بايرامغا قاتناشقۇچىلار جۇڭگو شوخلا كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، كەسىپ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، شوخلا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تېز تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كونسېرۋا سانائىتى جەمئىيىتى يەنە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، سانجى ئوبلاستىنى «جۇڭگو شوخلا مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقاردى.
تۇنجى نۆۋەتلىك شوخلا بايرىمى نېمە ئۈچۈن سانجى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى؟ كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، سانجى ئوبلاستى شىنجاڭدىكى شوخلا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، پىششىقلاش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى رايونغا ئايلاندى، ئۇ، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مۇھىم رايون بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان شوخلا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 250 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكىنىڭ %40ىنى ئىگىلىدى، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان شوخلا پىششىقلاش كارخانىسىدىن 25ى بار بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا مەھسۇلاتى 400 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكىنىڭ %35ىنى ئىگىلىدى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
سانجى ئوبلاستىدىلا ئەمەس، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەنجى ئويمانلىقىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شىخۇ شەھىرىدە... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ تۇپراقتا، شوخلا ئۆزىگە خاس رەڭ كارتىسى ئارقىلىق بىر يارقىن قىزىل مەنزىرە لىنىيەسىنى ھاسىل قىلدى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۇ يىللىق پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 150 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ توننىغا، شوخلا قىيامى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 160 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە بۇ يىل ئۆستۈرۈلگەن 120 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى پىششىقلىنىدىغان شوخلىنىڭ 80 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكىسى يىغىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىخۇ شەھىرىدە ئۆستۈرۈلگەن 76 مىڭ 600 مو يەردىكى شوخلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يىغىۋېلىنغان.
مول ھوسۇل ئېلىنغان شوخلىلارغا قاراپ، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى سانباقباغ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى مياۋ جۇڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. بۇ يىل، مياۋ جۇڭ 500 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئۆستۈردى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ شوخلا پىششىقلاش كارخانىسى بىلەن ھەر كىلوگىرامى 0.65 يۈەن باھادا زاكاز ئىمزالىدى.
«كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى + زاكاز»دىن ئىبارەت كەسىپ تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ شوخلا كەسپى تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىشكە قاراپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. بولۇپمۇ باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، شوخلا كەسپى پۈتۈن زەنجىرى سىجىل مۇكەممەللىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ شوخلا كەسپى ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
شوخلا قىيامىدىن باشقا، شوخلىنى خام ماتېرىيال قىلغان شوخلا شەربىتى، شوخلا تالقىنى، شوخلا ئۇرۇقى مېيى، لىكوپېن قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، دۇنيا شوخلا مەھسۇلاتلىرى كەسىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەكتە.
بۇ كۈزدە، شىنجاڭ شوخلىسى ئالاھىدە قىزاردى.