تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسەت ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۇدا سۈرئىتىنى تېزلەتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى «گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر» دېيىلدى) توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئاساسنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جېڭ ۋېنشىن «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇردى.

چارۋىچىلىق شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسپى، مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىغا تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا (ئۆي قۇشلىرى) مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇپ، يىرىك پىلان سىستېمىسى، سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسى، تېخنىكا تىرىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە گۆش مەھسۇلات مىقدارى 998 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 54 مىليارد 537 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئەمما كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا گۆش تۈرىدىكىلەر ھەم يېڭى سۈتنىڭ باھاسى سىجىل تۆۋەنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت نۆۋەتتىكى چارۋىچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، چارۋىچىلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىقنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»دە، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ رېئال قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، چىشى چارۋىلارنىڭ قوتان قالدۇق ئاساسىنى ساقلاپ قېلىپ، سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا يار - يۆلەك بولۇپ، كارخانىلار ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نەسىل سۈپىتىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە چارۋا توپى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر» نۇرغۇن باقمىچىلىق كارخانىسى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

جېڭ ۋېنشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى چىشى چارۋىلارنى قوغداش جەھەتتە، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىنىڭ شىنجاڭ بويىچە كۆپ سۈت چىقىدىغان 50 مىڭ تۇياق ئەلا سۈپەتلىك سۈت كالىسى، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە 2 مىليون تۇياق گۆش كالىسى سىيىرى ۋە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىكى كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە 4 مىليون تۇياق ئەلا سۈپەتلىك ساغلىق توپىنى قاپلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، چارۋىچىلىق قەرز پۇل كۆلىمىنى 50 مىليارد يۈەن دائىرىسىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، قەرز ئېلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ يىلىغا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. قوينى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدىكەن، ھەربىر تۇياقتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىرىمنى 200 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. سۈت كالىسى باقمىچىلىقىغا، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە چىشى گۆش كالىسى، گۆش قويىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، موزاي، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى 3 پىرسەنت پوئېنتتىن 5 پىرسەنت پوئېنتقىچە ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە، سۈت پاراشوكى، پىشلاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى يېڭى سۈت سېتىۋېلىش مىقدارىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ ۋە يېتەكلىنىپ، يېڭى سۈت سېتىۋېلىش - سېتىش تەرتىپى مۇھاپىزەت قىلىنىپ، سۈتچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىدىكەن. گۆش تۈرىدىكىلەرنى زاپاس ساقلاش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، كالا، قوي گۆشىنى زاپاس ساقلاش مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، بازار باھاسى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن.

«توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»نىڭ يولغا قويۇلۇشى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە دەل جايىدا تېگىش قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەنلا، دەرھال قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

«ھەقىقەتەن دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر بولدى!» كۆپچىلىك بەس - بەستە شۇنداق ئالقىشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سۈتچىلىك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى گو تۇڭجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال بازىرى كاساتلىشىپ، خام سۈت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى بىر مەزگىل داۋاملاشقان. باقمىچىلىق مەيدانلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ بېسىمى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىزچىل تۈردە «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» ۋە «سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى كېڭەيتىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ كەلگەن.

«توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېنىقكى، كالا فېرمىلىرىنىڭ خام سۈتنى سېتىش قىيىن بولۇش، باھاسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيان تارتىش ۋە مەبلەغ زەنجىرى جىددىي بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، سۈت كالىسى فېرمىلىرىنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن.

بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ جيې مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى كالا، قوي گۆشى ۋە يېڭى سۈتنىڭ باھاسى ئۇدا تۆۋەن سەۋىيەدە ئايلىنىۋاتقان بازار چوڭ مۇھىتىدا، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرى بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقتا خوت يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، مالىيە نازارىتى، سودا نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سىياسەتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈۋاتىدۇ. يولغا قويۇش لايىھەسىدە «توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتلىرىغا، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان باقمىچىلىق، پىششىقلاش سۇبيېكتلىرىنىڭ كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كىرگۈزۈلىدۇ، تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىگە ئىلتىماس قىلىش، مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىپ نەقلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، ئالاقىدار تارماقلار گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ بازار ئەھۋالى، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ھەمدە سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.