«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنى ھەيدەپ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك يۈرىمەن
«سىگنال بېرىلسۇن، ئىشىك ئېتىلسۇن، ۋاقىت توشتى، پويىز قوزغالسۇن!» 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كەسكىن بۇيرۇق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەيدەش سۇپىسى ئالدىدا ئولتۇرغان لى چۈەنجېن سۈرئەت تەڭشەش دەستىسىنى ئىتتىردى، 200 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، سائىتىگە 160 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئاخىرقى بېكەت − بورتالا ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.