تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

7 - ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 12 مىليارد 981 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، يەككە ئايدا سىرتقا توك يەتكۈزۈشتە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

  7 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە تۆت يولنىڭ ئايلىق سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 750 كىلوۋولتلۇق 1 -، 2 - يولىنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى 1 مىليارد 732 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.7 ئاشتى، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى 4 مىليارد 323 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش دېيىلىدۇ)نىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى 6 مىليارد 926 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 7 - ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، تومۇز يازدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكى ئېشىپ، سىرتتىن توك سېتىۋېلىش ئېھتىياجى كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانجى − گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش بويىچە سىرتقا توك يەتكۈزۈش يولىنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى تۇنجى قېتىم 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاشقان. 7 - ئايدا، سانجى − گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىلا سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %53.35ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئورنى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، توك سېتىۋالىدىغان ئۆلكىلەر بىلەن ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆلكىلەر ئارا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى بازىرىدا شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى سىجىل ئېچىپ، شىنجاڭغا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە سىرتقا توك يەتكۈزۈش سودىسىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بازارلاشتۇرۇپ سىرتقا توك يەتكۈزۈش پىلانىنى كۆپەيتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭنىڭ توك مەنبەسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك قويۇپ بەردى.

  ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 72 مىليارد 871 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى − گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 36 مىليارد 66 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.55 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.