تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30 يىل ئۈن ـ تىنسىز باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، رازىمەنلىك بىلەن بۇغدايلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى

لى جيەنجياڭ:

30 يىل ئۈن ـ تىنسىز باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، رازىمەنلىك بىلەن بۇغدايلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

كارخانا يۇقىرى مائاش بېرىپ ئېلىپ قالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەن تەتقىقاتقا ئاتلىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىرادىسى تەۋرەپ قالمىدى. ئۇ دەل پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا بولغان مۇشۇنداق قەتئىيلىكى ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، بۇغداي سورتى يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات ئىش ئورنىدا 30 يىلغا يېقىن ئۈن ـ تىنسىز باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى.

ئۇ دەل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى لى جيەنجياڭ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ئاددىيلا قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پەن تەتقىقاتنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مەن بىر ئۆمۈر بۇغدايلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن».

«چىڭ تۇرىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك»

1997 ـ يىلى، تارباغاتايدا تەجرىبە ئېتىزىدىكى بۇغدايلار كەڭ كۆلەملىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى، بۇ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىر يىللىق ئەجرىنىڭ بىكارغا كېتىش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بېرەتتى. كۆپچىلىك ئازراق ئۈمىدسىزلەندى، لى جيەنجياڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئۇ يېڭى خىزمەتكە چىققاندا ئۇستازىدىن ئۆگەنگەن تەجرىبىسىنى ئېسىگە ئالدى: «ھەرقانداق ۋاقىتتا مەسىلىگە تەتبىقلاپ كۆزىتىش كېرەك».

لى جيەنجياڭ ۋاز كەچمىدى، ئۇ ھەر كۈنى تەجرىبە پونكىتىدىن ئايرىلماي، ھەربىر سورتنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزەتتى ھەم خاتىرىلىدى. ئەجىر بىكارغا كەتمىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ بىرنەچچە تۈپ بۇغداينىڭ قۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى، بەلكى باشاقلىرىنىڭ يوغان، غولىنىڭ توم ئىكەنلىكىنى بايقىدى. لى جيەنجياڭ بۇنىڭ بىر ياخشى سورت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن تەجرىبە قىلدى، سېلىشتۇردى، دەلىللىدى... ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇغداي يېڭى سورتى − شىنچۇن 10 ـ نومۇر بارلىققا كەلدى. بۇ سورت يەنە نۆۋەتتە قۇرغاقچىلىققا ئەڭ چىداملىق يازغى بۇغداي سورتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«چىڭ تۇرىدىغان جاسارەت بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئون نەچچە يىل چىڭ تۇرسىڭىزمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن.» لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: «مەسىلىگە تەتبىقلاپ كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىش ھەمىشە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ سېھرىي كۈچى دەل مۇشۇ يەردە».

«دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى دەل سورت يېتىشتۈرۈش نىشانىدۇر»

لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: سورت يېتىشتۈرۈش ئاڭلىماققا ئاددىي، لېكىن مەشغۇلاتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان زىددىيەتلىك گەۋدە.

لى جيەنجياڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: مەسىلەن، چاڭلىشىشنى توسۇش ئۈچۈن، پەن تەتقىقات خادىملىرى موچىن بىلەن ئىنچىكە ئاتىلىقنى بىر ـ بىرلەپ قىسىپ ئېلىۋېتىپ، پەقەت ئانىلىقنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئاندىن يەنە بىر ئاتىلىق تۈپ بىلەن چاڭلاشتۇرۇپ، شالغۇت بۇغداينىڭ «قانداشلىق»ىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىر يىلدىكى 365 كۈندە، لى جيەنجياڭ ئاز دېگەندە 280 كۈن تەجرىبە ئېتىزىدا تۇرۇپ، بىرىكتۈرۈپ تەييارلاش، ئەۋلاد تاللاشتىن سورتنى باھالاش، سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىشقىچە، يەنە ھەر دەرىجىلىك تەييارلىق تەجرىبىسى، رايون تەجرىبىسى، ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسىگە قاتنىشىشقىچە بولغان خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ... «يېڭى بىر سورت بارلىققا كېلىشتە، ھەمىشە ئون نەچچە يىللىق كەسكىن تاللاشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان يېڭى سورت ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.» لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، زېرىكىشكە بەرداشلىق بېرىش ھەمدە ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تېپىش كېرەك.

بۇغداي سورتى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، لى جيەنجياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 14 خىل بۇغداي سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لى جيەنجياڭ دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سورت يېتىشتۈرۈش نىشانىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، شورغا چىداملىق، كۈچلۈك تالالىق، ئۆزگىچە بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇردى. يېڭىلا بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئوتتۇرا، كۈچلۈك تالالىق سورت لياڭچۇن 1242، كۈچلۈك تالالىق سورت لياڭچۇن 1345تىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مو بېشىغا 719 كىلوگىرام، 713 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يازغى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش باسقۇچىغا كىردى.

«يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش»نىڭ سىرى ئۈستىدە توختالغاندا، لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: «دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى دەل سورت يېتىشتۈرۈش نىشانىدۇر، ئۆزۈم يېتىشتۈرگەن ئۇرۇقلۇقنىڭ دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىرىدا ساپسېرىق دانلىق پىشقانلىقىنى كۆرگەن چېغىمدا، قەلبىمدىكى ئاشۇ ئىپتىخارلىقنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن».

«گالنى بوغىدىغان تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش»

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى شورلۇق يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)، قانداق قىلغاندا ھەم شورلۇق يەردە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ھەم يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر قىيىن مەسىلە ئىدى.

1996 ـ يىلى لى جيەنجياڭ شورغا چىداملىق ھەم يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتىنى تەجرىبە قىلىشنى باشلىدى. 12 يىلدىن كېيىن، شىنچۇن 29 ـ نومۇر تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتتى، بۇ سورت شىنجاڭدىكى شورغا چىداملىق، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك تۇنجى يازغى بۇغداي سورتىغا ئايلاندى، شۇنداقلا 1993 ـ يىلىدىكى شىنچۇن 6 ـ نومۇردىن كېيىن شىنجاڭدىكى يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشقان تۇنجى يازغى بۇغداي سورتى بولۇپ قالدى.

پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتا جەزمەن قالتىس بولۇشنى قوغلىشىدىغان روھ بولۇشى كېرەك، لى جيەنجياڭ يېڭى سورتلارنى بايقاش بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى. يۇقىرى ھوسۇللۇق يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈش پەقەت سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ باشلىنىشى، قانداق قىلىپ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ھەم يۇقىرى ھوسۇللۇق، ھەم ئەلا سۈپەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لى جيەنجياڭ ئىزچىل قوغلىشىپ كېلىۋاتقان نىشان. ئۇ مۇنداق دېدى: «<يۇقىرى ھوسۇل> بىلەن <ئەلا سۈپەت> ئەسلىدىنلا بىر جۈپ زىددىيەتلىك گەۋدە، لېكىن مولېكۇلا بىيولوگىيەسى سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ».

«نۆۋەتتە، سورت يېتىشتۈرۈش <ئادەتتىكى سورت يېتىشتۈرۈش+بىيو تېخنىكا+ئۇچۇرلاشتۇرۇش>تىن ئىبارەت سورت يېتىشتۈرۈش <4.0 دەۋرى>گە قەدەم قويدى. شىنجاڭ نۆۋەتتە ئادەتتىكى سورت يېتىشتۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن بۇمۇ بىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لى جيەنجياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

كېيىنكى قەدەمدە، لى جيەنجياڭ مولېكۇلا بىيولوگىيەسى سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇھىم سورت يېتىشتۈرۈش گېنلىرىنى قېزىش، نۇقتىلىق سورتلارنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، دېھقانلار ياقتۇرۇپ تېرىيدىغان تېخىمۇ كۆپ بۇغداي سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.