تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارزۇغا قايتا ئىنتىلىمەن

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئاساسىي مەشئەل يەتكۈزگۈچى دىلنىگار:

يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارزۇغا قايتا ئىنتىلىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ

«ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈردىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەممە يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلدى.» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، دىلنىگار ئىلھامجان دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت كوماندىسى بىلەن فىنلاندىيەگە بېرىپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتناشتى. يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇ ئاپىسى روشەن خاتىۋاجىغا يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى: «مەن تېخى ياش، كېلەر يىللىق مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە تۆت يىلدىن كېيىنكى مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېنىڭ يېڭى نىشانىم».

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» − شىنجاڭ ئالتايدىن كەلگەن 20 ياشلىق بۇ قىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت - نەزەرىدە، ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي مەشئەلنى «چوڭ قار ئۇچقۇنى»نىڭ مەركىزىگە كىرگۈزدى. «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» دىلنىگار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

12 ياش چاغلىرىدا، دىلنىگار دادىسى ئىلھامجاننىڭ يېتەكچىلىكىدە قار تېيىلىش مەشىقىنى باشلىدى. 2017 - يىلى، ئۇ دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىغا تاللىنىپ كىردى ھەم 2 - يىلى نورۋېگىيەگە بېرىپ، ئۈچ يىللىق سىرتتا مەشىق قىلىشنى باشلىدى.

دىلنىگار مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا تېخى كىچىك ئىدىم، كۈندە ئۆيۈمنى، ئاپامنى سېغىناتتىم، ۋاقتىم بولسىلا ئۆيدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشەتتىم، ئاندىن يوتقانغا چۈمكىنىپ بىردەم يىغلىۋالاتتىم، ئەتىسى يەنە داۋاملىق مەشىق قىلاتتىم.» دۇنيادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بىر مەيداندا مەشىق قىلىپ، چەت ئەللىك تىرېنېرلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلغاچقا، دىلنىگارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، سەۋىيەسى ئۆستى.

2019 - يىللىق خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى دالىدا قار تېيىلىش جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسىنىڭ نياۋچاۋ بېكىتىدە، دىلنىگار بۇ مۇسابىقىدىكى مۇكاپات سەھنىسىگە چىققان تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالدى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش FIS جۇغلانما نومۇر يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىدىكى باشاڭ، ئارشاڭ ۋە شاڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ بېكەتتىكى جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسىدە ئۇدا چېمپىيون بولدى.

ئىلھامجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دالىدا قار تېيىلىش «قار ئۈستىدىكى مارافون» دەپ ئاتىلىدۇ، ماھىرلارنىڭ تاغقا چىقىش، تېيىلىپ چۈشۈش، بۇرۇلۇش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تاغدىكى قارلىق دالىدا ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىشىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ، پىسخىكا ۋە بەدەن ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. تۇغما تالانتى ۋە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشقا تايىنىپ، دىلنىگار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قەدەممۇقەدەم ئاتلاندى.

دىلنىگارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 2017 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەچچە ئون تۈركۈم قېتىم 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساھە ھالقىپ، تۈر ھالقىپ ماھىر تاللاش خىزمىتىنى ئىشلىدى، بىر تۈركۈم قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئىختىساسلىقلىرى ۋە مايسىلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ۋە قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش كوماندىسى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. قىشلىق تەنھەرىكەت شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىلتىز تارتىپ چېچەكلىدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا قاتناشتى، ئومۇمىي ماھارەت سەۋىيەسىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش بولدى.

يېقىندا، دۆلەت يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە توسۇقتىن ئۆتۈپ قوغلىشىش، پەشتاقتىن سەكرەش تۈرى قاتارلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ ماھىر تاللىدى. ئالتاي ۋىلايىتىدىنلا 25 بالا دۆلەت يەككە تاختىدا قار تېيىلىش كوماندىسىغا تاللاندى، ئۇلار ھازىر كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

«قار تېيىلىش تاختىسى خۇددى بىر جۈپ قاناتقا ئوخشاش، مەن ۋە سىڭلىمنى ئېلىپ ھەربىر تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بالىلىق دەۋرىمدىكى نۇرغۇن ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇردى. كىچىكىمىزدىلا كوماندىدىكى نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار ئۇنىڭدەك تېيىلالمايتتى، مېنىڭ تەسىراتىمدا، ئۇ بىرەر ئىش قىلىشنى قارار قىلسىلا، ئەزەلدىن يېرىم يولدا ۋاز كېچىپ باققان ئەمەس.» ئوخشاشلا دالىدا قار تېيىلىش كەسپىي تەنھەرىكەتچىسى بولغان نەۋرە ئاكىسى ئۆركەش قۇربانجان دىلنىگار ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن پەخىرلەندى. «ھازىر، ئۇ مېنىڭ ئۈلگەم. مەنمۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمەن، كېلەر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«مېنىڭ ئاچامغا ئوخشاش، دۆلەتكە ۋاكالىتەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە بەكلا قاتناشقۇم بار، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قاتنىشىدىغان شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دىلنىگارنىڭ سىڭلىسى دىلدار ئىلھامجانمۇ شىنجاڭ دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى.

نەۋرە ئاكىسى، سىڭلىسىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن شىنجاڭلىق ياشلار بار، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئارزۇسىغا ئوت تۇتاشتى.

«ئۇ قولىدا مەشئەل كۆتۈرگىنىچە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ، بىزنىڭ بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىش. بىراق كەلگۈسىدە، ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغان تېخىمۇ زور ئارزۇسى بار» دېدى روشەن خاتىۋاجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.