تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فەن دۇڭدۇڭنىڭ بىر كۈنى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەندە، 32 ياشلىق فەن دۇڭدۇڭ مۇنبەرگە چىقىپ، 50 نەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىنى ئورتاقلاشتى. بۇ بىر كۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم ئالاھىدە ھەم ئاددىي كۈن بولدى.

ئون يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، فەن دۇڭدۇڭ 10 مىڭ يۈەن ئىش باشلاش مەبلىغىنى ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغانىدى. ئون يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۈرۈمچى چيەنيوۋ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى «ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى بويىچە تۇنجى دەرس»نى ئېلىپ كەلدى. فەن دۇڭدۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى دەرسى ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا تۆت يىل بولدى.

«ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇردۇق. بۇنداق نۇقتىدىن نۇقتىغىچە بولۇش شەكلى بىزنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا مۇۋاپىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى فەن دۇڭدۇڭ.

ئۇ دەرسنى تۈگىتىپلا، دەرھال ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى چيەنيوۋ چۇاڭمېڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا يېتىپ كەلدى، بۇ ئۇ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن قۇرغان تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى ئىدى، بۇ يەردە ئۇ ھەمىشە ئىگىلىك تىكلىگەن چاغدىكى ئەسلىي مەقسىتىنى تاپالايدۇ.

ئون يىل ئىلگىرىكى چاغلارنى ئەسلىگەندە، مەبلەغ يوق، بايلىق يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەت يوق، تەجرىبە يوق ئىدى، ئەمما ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئەينى چاغدا تور بېكىتى لايىھەلەش تېخى ئومۇملاشمىغان پۇرسەتنى تۇتۇپ، فەن دۇڭدۇڭ ئىگىلىك تىكلەش يۆنىلىشىنى تاپتى.

«ئەينى چاغدا ئىشخانا ئورنى يوق ئىدى، كېڭەيتىش يولىمۇ يوق ئىدى، ھەممىسىدە ئۆزۈمنىڭ ئىسىم كارتىسىنى تارقىتىپ كوچا بويلاپ كېڭەيتىشكە تاياندىم.» فەن دۇڭدۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەتىگەن سائەت 8 دە ئۆيدىن چىقىپ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا قىستىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىن تىيانشان رايونىنىڭ ئاۋات بۆلىكىدىكى خىزمەت بىناسىغا كېلەتتىم، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 نەچچە خېرىدار بىلەن كۆرۈشەتتىم، لېكىن نۇرغۇن شىركەت ئەينى چاغدا تور بېكىتى لايىھەلەشنى ئانچە ئېتىبارغا ئالمايتتى، مەن خېرىدارلارغا PPTنى زېرىكمەي كۆرسىتەتتىم.

ئالاقە تورى بىلىملىرى تېز يېڭىلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئالدىراشلىقنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاساسەن سەھەر سائەت بىر - ئىككىلەر بولاتتى، فەن دۇڭدۇڭ يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆزىگە «توك قاچىلايتتى»، بۇنى ئۇدا سەككىز ئاي بىر كۈنمۇ ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردى، كەسپىي سەۋىيەسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى. ئىگىلىك تىكلىگەن 2 - يىلى، ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئىككى كىشىدىن سەككىز كىشىگە كۆپەيدى، پۈتۈن يىلدا 200گە يېقىن كارخانىغا مۇلازىمەت قىلدى، تىجارەت كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنى سېتىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ياردەملىشىپ بىرقانچە ئورۇن بىلەن ئالاقىلەشتىم؛ تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق سېتىپ چىقارغاندىن كېيىن چوقۇم تېز جاۋاب قايتۇرۇڭلار، ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلاڭلار...» چۈشلۈك ۋاقىتتا، فەن دۇڭدۇڭنىڭ چيەنيوۋ چۇاڭمېڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا كېلىپ قىلغان بىرىنچى ئىشى يېتىشتۈرۈشتىن چىققان كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى ۋېي دۇڭلياڭ بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن ماكانلاشقان كارخانىلارغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىش بولدى.

2019 - يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، چيەنيوۋ چۇاڭمېڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا يېتىشتۈرۈشتىن چىققان كارخانا 2000دىن ئېشىپ، 6000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يېتىشتۈرۈشتىن چىققان كارخانىلار ئۆي ئىجارىسى، پار پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بەرگەن ئىجارە ھەققى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى، باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش ۋە كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. «بىز بۇلتۇر يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تارقاتقان 120 مىڭ يۈەن مۇكاپات - ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىگە ئېرىشتۇق، بۇ، بىزنىڭ ئىچكى قىسىم قۇرۇلۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشىمىزغا ياردەم بەردى» دېدى فەن دۇڭدۇڭ.

چۈشلۈك تاماقنى ئالدىراپلا يېگەندىن كېيىن، فەن دۇڭدۇڭ يەنە يېڭىدىن ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ سوڭشەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى رۇڭنەن مەھەللىسىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ھەمدە بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئىگىلىدى.

ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسى» بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىنى ئىگىلىدى، بۇ، فەن دۇڭدۇڭنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شىركەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت زاۋۇتى ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى «ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسى» مەخسۇس كاپالەتلەندۈرۈش ھەرىكىتىدە ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرىدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، فەن دۇڭدۇڭ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى، بۇ يەر شىركەتنىڭ «چوڭ مېڭىسى» بولۇپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنى كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىش، پاي ھوقۇقىنى لايىھەلەش قاتارلىق 100 نەچچە خىل ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ يەردە فەن دۇڭدۇڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىككى داشۆ ئوقۇغۇچىسىدىن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالدى. شىركەت 2019 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكا بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، 200گە يېقىن داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدا سىياسەتنى ئىگىلەش، تۆۋەندە كارخانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش. كارخانا مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، فەن دۇڭدۇڭ ھەر خىل سۇپىلار ئارقىلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون، ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، سىياسەتنى ئۆزى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كارخانىلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ ھەم چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشتىكى تەلەپنى تۆۋەنلىتىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، فەن دۇڭدۇڭ تۆت ئىجادكارلار بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، 3200 ئىجادكار ۋە كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، بىر يىلدا 6000 قېتىمدىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. «بىز ھەممىمىز يېڭى دەۋردە تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر، يېڭى دەۋر بىز ياشلارنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى چېچەكلەپ مېۋە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.» فەن دۇڭدۇڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.