تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شامال گېنېراتورى «چوڭ مېڭە»سىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

خۇاڭ شياۋفاڭ:

​پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شامال گېنېراتورى «چوڭ مېڭە»سىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ

تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر مەيدانىدا، قاتار - قاتار كەتكەن ئېگىز، چوڭ ئاق رەڭلىك شامال گېنېراتورلىرى چۆل - باياۋاندا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، غايەت زور چاقپەلەك قاناتلىرى شامالدا تېز پىرقىراپ تۇراتتى. شامال ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ مەركىزىي كۆزىتىش - كونترول قىلىش ئۆيىدە، تېخنىكلار چوڭ ئېكرانغا تىكىلگىنىچە مائۇسنى يېنىك چېكىپ، شامال گېنېراتورلىرىنىڭ توك چىقىرىش قۇۋۋىتى، ئايلىنىش ھالىتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ كونترول قىلىۋاتاتتى.

«داۋانچىڭدىكى يۈزلىگەن، مىڭلىغان شامال گېنېراتورلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايلىنىشىغا بىزنىڭ كوللېكتىپىمىز ئاچقان ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ جايدىلا ئەمەس، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان نەچچە ئونمىڭ شامال گېنېراتورلىرىنىڭ ھەممىسى بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېدى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خۇاڭ شياۋفاڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

خۇاڭ شياۋفاڭ شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئاسراش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىنىڭ شامال گېنېراتورى يادرولۇق كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى ئېچىشنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش ھەم كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان مۇھىم پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىرى.

«دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىز شامال گېنېراتورى ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىشقا تايىناتتى. ھازىر، ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنىڭ دۆلىتىمىزدە يۈزدە يۈز ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنى جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىنىڭ بىرنەچچە ئەۋلاد پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دېدى خۇاڭ شياۋفاڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر كېيىن باشلانغان، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى بۇ ساھەگە ئەڭ بالدۇر كىرگەن كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش، ھەتتا چەت ئەلنىڭ تېخنىكىسىدىن ھالقىپ كېتىش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردا شامال گېنېراتورى جابدۇقلىرىنى ياساش ۋە كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلدى. نۆۋەتتە، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە ئونمىڭ شامال گېنېراتورىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شۇ جايلارنى ئۈزلۈكسىز يېشىل توك بىلەن تەمىنلىمەكتە.

شامال گېنېراتورى ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، شامال گېنېراتورىنىڭ ئايلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى شامال گېنېراتورىنى «چوڭ مېڭە تەپەككۇرى»گە ئىگە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا شامال گېنېراتورى «پىكىر قىلىش» ۋە «ئۆزى ھەرىكەت قىلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، شامالنى ھېس قىلالايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ «سۆڭەك مۇسكۇلى»نى كونترول قىلالايدۇ، مەسىلەن، شامال يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك بۇرۇلۇپ، شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى توك چىقىرىش مىقدارى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ، شۇ ئارقىلىق شامال مەيدانىدىكى شامال بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېشىل توك چىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، خۇاڭ شياۋفاڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ھەر يىلدا يېرىم يىل داۋانچىڭدىكى چۆل - باياۋاندا خىزمەت قىلدى، كۆپچىلىك قىش پەسلىدىكى ئەڭ سوغۇق ۋاقىتلاردا قۇرۇق نان يەپ، سوغۇق سۇ ئىچىپ، بوراندا شامال گېنېراتورىغا يامىشىپ مۇنار سىلىندىرىغا چىقتى؛ ئىشخانىدىكى خىزمەتمۇ ئوخشاشلا ئاسان ئەمەس بولۇپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تەڭشەپ سىنىغاندا، دائىم ئۇدا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

جاپالىق مۇھىت ۋە يۇقىرى سىجىللىقتىكى تېخنىكا ئەمەلىيىتى داۋامىدا، خۇاڭ شياۋفاڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى مودۇللاشتۇرۇپ، پارامېتىرلاشتۇرۇپ لايىھەلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، قايتا - قايتا خاتانى سىناش، ئىلغاپ چىقىش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىپ، ھەممىباب ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى قۇرۇلمىسىنى ئاچتى. بۇ يۇمشاق دېتال يادرولۇق تېخنىكا نەتىجىسى دۆلەتنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىپ، چەت ئەلدىن تېخنىكا كىرگۈزۈشكە تايىنىش ۋەزىيىتىنى بىراقلا بۇزۇپ تاشلىدى. ناھايىتى تېزلا، بۇ كوللېكتىپ يەنە چاقپەلەك ئارىلىقى مۇقىم بولغان تېزلىكنى يوقىتىش تىپىدىكى شامال گېنېراتورى، بىۋاسىتە قوزغىلىدىغان تۇراقلىق ماگنىتلىق شامال گېنېراتورىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنى ئېچىش ھەم ئۇنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ كوللېكتىپ ئاچقان چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك شامال گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يادرولۇق كونترول قىلىش سىستېمىسى ھەم ئۇنىڭ تۈركۈملەپ كەسىپلەشتۈرۈلۈشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قاتارلىق جايلاردىكى تارقاق، چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك شامال ئېلېكتىر مەيدانلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش مۇھىتىدىكى تېخنىكا ئېھتىياجىنى تېخىمۇ قاندۇردى.

«بۇ ئىككى يىلدا، بىز بىر تۈرلۈك <گالنى بوغىدىغان> مۇھىم تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىدىكى يادرولۇق تېخنىكا − ئاساسىي كونترول سىستېمىسى PLC (پىروگرامما تۈزگىلى بولىدىغان لوگىكىلىق كونتروللىغۇچ)نىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ يىل كوللېكتىپىمىز ئۇنى پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى سىناق قىلىش ھەم ئىشلىتىشنى تاماملىدى» دېدى خۇاڭ شياۋفاڭ.

دۆلىتىمىزدە ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشى، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تېزلىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە خىرىسنى كۈتۈۋالدى. يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى خىرىسلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى زور بايلىق ئاجرىتىپ، دىتى بار، جاسارەتلىك ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللىدى.

«چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي كونترول سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماي، دۆلەت ئىچىدە شامال گېنېراتورلىرىنىڭ كۆپ سەپلىنىشى ھەم سانىنىڭ تېز كۆپىيىشىگە تىرەك بولالمىغاندا، بىز يۇمشاق دېتالنى قۇرۇلۇشلاشتۇرۇش تەپەككۇرىنى قوللىنىپ، يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇپ، نەچچە ئونمىڭ شامال گېنېراتورىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ئاچتۇق. شىركەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، بىز ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مودېلنى ئاساس قىلىدىغان ئىلغار يۇمشاق دېتال ئېچىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، قۇرۇلۇش كونكرېت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ كۆپ سىستېمىلىق، سۇپا ھالقىغان يۇمشاق دېتال توپى، كۆپ خىل پەنلىك تەقلىد تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، ئاپتوماتلاشقان يۇمشاق دېتال سىناش ئەسۋاب زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يۇمشاق دېتالنىڭ سۈپىتى ھەم ئۇنى ئېچىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق.» خۇاڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، يۇمشاق دېتال يادرولۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىمەن.

بۈگۈنكى كۈندە، شامال گېنېراتورىنى تېخىمۇ ئاقىل قىلىش تېخنىكا ساھەسىدە، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بارغانسېرى موللاشماقتا، گىرۋەك ھېسابلاش، ھەمكارلىشىپ كونترول قىلىش، لازېرلىق رادار، ماشىنا كۆرۈش سېزىمى، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش... نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتوموبىل ياسىغانغا ئوخشاش، شامال گېنېراتورىغا لازېر نۇرلۇق رادار ئورنىتىپ، شامال گېنېراتورىنى شامالنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدىن ھېس قىلىپ بىلەلەيدىغان قىلغىلى، يەنە سۈرەت پەرق ئېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، «ئۆزى»نىڭ چوڭ زاپچاسلىرىنىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغان - تۇرمىغانلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدىغان قىلغىلى بولۇش مۇمكىن.

«ئارزۇ قانچە چوڭ بولسا، سەھنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. كوللېكتىپىمىز شامال گېنېراتورىنى تېخىمۇ كۆپ <چوڭ مېڭە تەپەككۇرى>گە ئىگە قىلىپ، شامال گېنېراتورىنى تېخىمۇ ئاقىل قىلىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئايلىنىش خىزمەت مۇھىتىغا بىمالال تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.» خۇاڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئون نەچچە يىلدا، مەن ۋە كوللېكتىپىمىز پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدۇق، جەڭ قىلغانسېرى تېخىمۇ باتۇرلاشتۇق، ھەر قېتىملىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، ياراتقان قىممىتىمىز كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتتى، شامال ئېلېكتىر ئىشلىرىمۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشىمگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.