تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۇرۇبا»دىن ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش دۇنياۋى يۇقىرى سەۋىيەگە ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىش

[ئىستون سۆزى]

يېڭى دەۋر ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ دەۋرى، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى. بۈگۈندىن باشلاپ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردىكى ئادەتتىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ نەزەرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ دەۋرگە يۈز كېلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىش ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كېمىلەر بەيگىگە چۈشۈپ يەلكەن چىقارغان جانلىق مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ جاسارەت بىلەن، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ!

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

خۇاڭخې - خۇەيخې تۈزلەڭلىكىدىكى دالىلاردا، 800± كىلوۋولتلۇق چىڭخەي − خېنەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قوبۇل قىلىش پونكىتى − جەنۇبىي خېنەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش پونكىتى مۇقىم ئايلىنىپ، كېچە - كۈندۈز توختىماي، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە توك بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

«بىر يىلدىن كۆپرەك سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشۈش ئارقىلىق، نۆۋەتتە چىڭخەي - خېنەن تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىزنىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان پەسىلدىكى تېمپېراتۇرا ۋە مۇھىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كىيدۈرمە تۇرۇبا تىلغا ئېلىنغاندا ۋېن جېڭ خۇددى مېھمانلارغا ياراملىق پەرزەنتلىرىنى تونۇشتۇرغاندەك كەيپىياتتا.

ۋېن جېڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور شېنياڭ خېشىن كىيدۈرمە تۇرۇبا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى، شۇنداقلا 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچى خادىم.

ئەگەر ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى بىر ئىمتىھان قەغىزىگە ئوخشاتساق، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم تېخنىكىسى بۇ ئىمتىھان قەغىزىدىكى ئەڭ قىيىن سوئال. 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسى ئېلېكتىر ئېقىمىنى يۆتكەش تىرانسفورموتورى ۋە كىلاپان زالىنىڭ مۇھىم دېتالىدىن ئىبارەت، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك تىرانسفورموتورىنىڭ توك يەتكۈزۈش سەۋىيەسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، كىيدۈرمە تۇرۇبا بولمىسا، ئۇ بىر قۇرۇق بېزەك بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، چوڭ يەتكۈزۈش سىغىمى، يۇقىرى ئىزولياتسىيە سەۋىيەسىدىكى يۈرۈشۈش مۇھىتى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساشقا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

«بىز ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان قىيىنچىلىقلارنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. 500± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك تىرانسفورموتورىنى مىسالغا ئالساق، بىر يۈرۈش 500± كىلوۋولتلۇق كىيدۈرمە تۇرۇبىنىڭ باھاسى 10 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەرەل بويىچە يېرىم يىل ئۆچرەت ساقلىغاندا ئاندىن مالنى ئالغىلى بولىدۇ، 800± كىلوۋولتلۇق كىيدۈرمە تۇرۇبا قاتارلىق تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك كىيدۈرمە تۇرۇبا مەھسۇلاتلىرىنى دېمەيلا قويايلى، بۇ ئىزچىل بىز ئۇچراپ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىنچىلىق ئىدى» دېدى ۋېن جېڭ.

يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايمىز. 2020 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئالىي دەرىجىلىك كىيدۈرمە تۇرۇبا تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللىدى. ۋېن جېڭ بۇ تۈرگە قاتناشقان قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 10 گېگاۋات تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن دەرىجىلىك مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

«ئىلگىرى ئالىي دەرىجىلىك تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىناتتى، ئۆرنەك قىلغۇدەك تېخنىكىمۇ يوق ئىدى، چۈنكى چەت ئەلدە بۇ خىل ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا بىرقەدەر قاتتىق قامال قىلىۋېلىنغانىدى. تۈرگە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەم ھاياجانلاندۇق، ھەم ئېغىر بېسىم ھېس قىلدۇق» دېدى ۋېن جېڭ.

تۈرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم تەتقىق قىلىپ ئېچىلىدىغان كىيدۈرمە تۇرۇبا يۇقىرى توك بېسىمى، زور توك ئېقىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، كىيدۈرمە تۇرۇبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئېغىرلىقى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۆلچىمى چوڭ بولغاچقا، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ قىيىن مەسىلە دەل كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنى قۇيۇپ قاتۇرۇش ھالقىسى، يەنى كىيدۈرمە تۇرۇبا ئۆزىكىنى ياساش بولۇپ قالدى. ئادەتتە 2.3 توننىدىلا تاماملىغىلى بولىدىغان قۇيۇش مىقدارى بۇ قېتىم بىۋاسىتە 4.5 توننىغا ئۆرلىتىلدى.

«ئەگەر پۈتكۈل ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش جەريانى ياخشى كونترول قىلىنمىسا، مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قىسمەن جايلار ئاسانلا يېرىلىپ، قۇيۇش مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى ۋېن جېڭ.

قۇيۇش، نەمدەش، ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش، قاتۇرۇشتىن ئىبارەت ھەربىر باسقۇچتا قىلچە خاتالىق كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ. ۋېن جېڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىغا پەقەت بىر قېتىملا پۇرسەت بار، ئەگەر قۇيۇش مەغلۇپ بولسا، بارلىق تىرىشچانلىقلار بىراقلا يوققا چىقىدۇ.

«ئەگەر بىز بۇ ئۆزەكنى ياساشتا مەغلۇپ بولساق، تەخمىنەن 800 نەچچە مىڭ يۈەن تەننەرخ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىز قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ئېچىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانساق، بىز تورغا ئۇلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرەلەيمىز» دېدى ۋېن جېڭ.

قۇرۇلۇش مۇددىتى چەكلىك بولۇپ، يەنە بىر قېتىم قىلىشقا ۋاقىت يوق ئىدى. سەككىز ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ۋېن جېڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك تىرانسفورموتورىنىڭ كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەم 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، چىڭخەي - خېنەن تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشىدا تورغا ئۇلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈردى.

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسى دۆلەت دەرىجىلىك باھالاشتىن ئۆتتى، ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىدىكى يۇقىرى، ئىنچىكە تېخنىكا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى.

±800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىلىشى ۋە ئىشەنچلىك يۈرۈشتۈرۈلۈشى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور جابدۇقلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بوش قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش سەۋىيەسى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئالىي دەرىجىلىك تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

نۆۋەتتە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شېنياڭ تىرانسفورموتور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش − بەيخېتەن − جېجياڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى تىرانسفورموتور مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگىنى دەل 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبىسى بولۇپ، سىچۇەننىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جېجياڭنىڭ توك ئىشلىتىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

«كىيدۈرمە تۇرۇبا ناھايىتى تار، بوشلۇقى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىچىك ساھەدىن نەزەر سالساق، زور ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ! <تۇرۇبا>دىن ئۆزگىرىشنى كۆزەتكەندە، كۆزىتىلگىنى تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بولدى، كۆزىتىلگىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆزگىرىش بولدى. كەلگۈسىدە مەن داۋاملىق تىرىشىپ، كوللېكتىپىم بىلەن بىرلىكتە كىيدۈرمە تۇرۇبا ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن!» دېدى ۋېن جېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.