تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنى ھەيدەپ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك يۈرىمەن

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى ئايال شوپۇرى لى چۈەنجېن:

​«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنى ھەيدەپ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك يۈرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

«سىگنال بېرىلسۇن، ئىشىك ئېتىلسۇن، ۋاقىت توشتى، پويىز قوزغالسۇن!» 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كەسكىن بۇيرۇق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەيدەش سۇپىسى ئالدىدا ئولتۇرغان لى چۈەنجېن سۈرئەت تەڭشەش دەستىسىنى ئىتتىردى، 200 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، سائىتىگە 160 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئاخىرقى بېكەت − بورتالا ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

لى چۈەنجېن جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى ئوق پويىز سېخىنىڭ ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شوپۇرى. بۇ كۈنى، ئۇنىڭ ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ شوپۇرىلىق سالاھىيىتى بىلەن«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنى ھەيدىگىنىگە دەل بىر ئاي بولغانىدى. 29 ياشلىق لى چۈەنجېن شىنجاڭدىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئايال شوپۇرى.

«مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش ئاياللارغا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ھەيدەش بۆلمىسىدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى» دېدى لى چۈەنجېن.

دۆلىتىمىز تۆمۈريولى پاراۋۇز دەۋرى، تېپلوۋۇز دەۋرى، ئېلېكتىروۋۇز دەۋرى، ئاندىن ئوق پويىز دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئىلگىرى، پاراۋۇز، تېپلوۋۇزنىڭ شوپۇرلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىغا قويىدىغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پويىزدىكى ئالاھىدە خىزمەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، پويىز شوپۇرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرلەر ئىدى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئايال شوپۇرى تاللاش مەملىكەت بويىچە باشلاندى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى پۈتۈن گۇرۇھ شىركەتكە يۈزلىنىپ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ ئايال ياردەمچى شوپۇرلىرىنى ئاشكارا تاللىدى. ئەينى چاغدا كورلا پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى كورلا ۋوگزالى بېلەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ نۆۋەتچى مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان لى چۈەنجېن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، خىرىس ۋە بېسىمغا يۈزلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان لى چۈەنجېن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۇخلىيالماي قالدى.

2019 - يىلى 6 - ئايدا، لى چۈەنجېن ۋە باشقا 11 ئايال تاللاشتىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىغا كېلىپ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۆمۈريول پاراۋۇز ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى - ئۈچ يىل تەربىيەلىنىش ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئاساسىي بىلىملىرى، يۈرۈش قائىدىسى قاتارلىق نەزەرىيەلەرنى پىششىق ئىگىلەش، پويىزغا ئەگىشىپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش، ياردەمچى شوپۇرلارنى باھالاش، شوپۇرلاردىن ئىمتىھان ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نەچچە پارچە چوڭ، توم نەزەرىيەۋى كىتابلارنى كۆرۈپ، ئىگىلەيدىغان بىلىم نۇقتىلىرىنى قەغەز باغاقچىگە يېزىپ يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تەكرار قىلدى؛ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئەمەلىي ھەيدەش جەريانىدا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر - بىرلەپ رەتلەپ، بىر تەرەپ قىلىش قەدەم - باسقۇچلىرىنى قايتا - قايتا كاللىسىدا ئويلاپ مەشىق قىلدى... ئۆگىنىش جەريانى جاپالىق ھەم زېرىكىشلىك ئىدى، لېكىن لى چۈەنجېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ خۇددى بىر پارچە بۇلۇتسىمان كاۋچۇكنىڭ سۇنى ئاستا - ئاستا سۈمۈرگەندىن كېيىن تويۇنغىنىغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ ئاز - ئازدىن جۇغلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

«ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ قىيىن بولغىنى پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىش ئىدى. ئوق پويىزنى ھەيدەش جەريانىدا، شوپۇرلار گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىيلەن ئۈزۈلدۈرمەي بىر - بىرىنى ئۆلچەملىك چاقىرىپ جاۋاب بېرىدۇ ھەم مۇناسىپ قول ئىشارىتى قىلىدۇ، بىرلىكتە ئالدى تەرەپتىكى سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسىتىش ھالىتى، يول لىنىيەسىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى قاتتىق كۆزىتىپ جەزملەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمدىكى مەشغۇلات قەدەم - باسقۇچىنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش، ئۆزئارا جەزملەشتۈرۈش يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىدىن قىلچە چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.» لى چۈەنجېن مۇنداق دېدى: پەقەت بارلىق ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىلا ھەم ياردەمچى شوپۇر بولۇپ پويىزدا يول يۈرگەن مۇساپىسى جەمئىي 100 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەندىلا، ئاندىن شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئۈچ يىلغا يېقىن جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق، لى چۈەنجېن ئاخىر ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ رەسمىي ھالدا ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ ئايال شوپۇرىغا ئايلاندى.

«ئىلگىرى پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، ئۇستازىمنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆرۈپ ھەمىشە ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلاتتىم، ئۆزۈم قول سېلىپ مەشغۇلات قىلغاندا، ئاندىن تەجرىبەمنىڭ ئۇستازىمغا قارىغاندا خېلىلا كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدىم.» لى چۈەنجېن مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقان ئوق پويىزنىڭ سىلىق، مۇقىم، بىخەتەر، ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىشتا سىنىلىدىغىنى ئوق پويىز شوپۇرىنىڭ لىنىيەنى كونترول قىلىش ماھارىتىدۇر. نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە، ئەگىم يولغا كەلگەندە ئېھتىيات قىلىش، دۆڭگە كەلگەندە سۈرئەتنى تېزلىتىش كېرەك، ئوخشاش بولغان دۆڭ يولدا يۈرگەندىمۇ يۈرۈش سۈرئىتى، ھاۋارايى ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا سۈرئەتنى تېزلىتىشتە پەرق بولىدۇ.

«ھازىر مەن ئۈچۈن كەمچىل بولۇۋاتقىنى يول يۈرۈش تەجرىبىسى» دېدى لى چۈەنجېن.

بىر تۆمۈريول خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى چۈەنجېن بۇ يىللار مابەينىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، تۆمۈريول تورى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ لىنىيە» يولى، جەنۇب - شىمال قوش ئايلانمىسى، قوش پورتتىن ئىبارەت يول تورى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بولۇپمۇ 2014 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتى تېخىمۇ قولايلاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، لى چۈەنجېن بىلەن ياردەمچى شوپۇر «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنى ھەيدەپ، ئۈرۈمچى بىلەن بورتالا ئارىسىدا ئۇچقاندەك قاتنىماقتا. بېرىپ - كېلىپ قاتناۋاتقان بۇ ئوق پويىز شىخەنزە، ساۋەن، كۈيتۈن، شۇاڭخې قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى تۇتاشتۇردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئەتراپتىكى شەھەرلەر بىلەن ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىساد، قاتناش، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، <فۇشىڭ> ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى تېخىمۇ كۆپ شەھەرگە قاتناپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئوق پويىزى بىلەن بىللە شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك يۈرىمەن» دېدى لى چۈەنجېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.