تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئېگىزلىكتىكى غۇنچىلار»نىڭ قوغدىغۇچىسى

«ئەڭ گۈزەل يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىسى» جوۋ لىنا:

«ئېگىزلىكتىكى غۇنچىلار»نىڭ قوغدىغۇچىسى

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جوۋ لىنا بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئوينىماقتا.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مۇخبىر يەنە بىر قېتىم ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ياۋىلىق كەنتى يەسلىسىگە كەلدى. مەيداندا جوۋ لىنا بىر توپ بالىلارنى باشلاپ ئويۇن ئويناۋاتاتتى.

سەككىز يىل ۋاقىتتا، جوۋ لىنا ئادەتتىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ ياۋىلىق كەنتى يەسلىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغانىدى.

2014 - يىلى 8 - ئايدا، مۇخبىر تۇنجى قېتىم ياۋىلىق كەنتى يەسلىسىگە كېلىپ زىيارەت قىلغانىدى. شۇ يىلى جوۋ لىنا مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالانغانىدى. بۇ قېتىم كونا جاينى قايتا زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىر كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە بىلەن ئەينى چاغدىكى ئەسلىمىلەرنى باغلىيالماي قالدى. يەسلى ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى، تۇرمۇش رايونى يېڭى تۈسكە كىرگەن بولۇپ، يەسلى رايونىنىڭ كۆلىمىمۇ ئىلگىرىكىدىن خېلى كۆپ چوڭايغانىدى.

شېنياڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قىز جوۋ لىنا بىلەن شىنجاڭلىق يىگىت نەسىرۇللا ئۆمەر 1994 - يىلى شېنياڭدا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن. كېيىن ئىككىيلەن شېنياڭدىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىگە قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 2014 - يىلى، جوۋ لىنا ياۋىلىق كەنتى يەسلىسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئەينى چاغدا يەسلىدە پەقەت ئۈچ ئوقۇتقۇچى، نەچچە ئون بالا بار ئىدى.

«دەرس ۋاقتىدا ئۇ ئوقۇتقۇچى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇ بالىلارنىڭ ئاپىسى، بىزنىڭ سىرداش ئاچىمىز» دېدى جوۋ لىنانىڭ خىزمەتدىشى رازىيە جۈرئەت.

«بۇ يىللاردا، يەسلىنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىلگىرى نۇرغۇن ئوقۇتۇش قورالىنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ياسايتتۇق، ھازىر ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى.» جوۋ لىنا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئوقۇتقۇچىنى شەھەرگە يەسلى مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتۇق. بۇ يىللاردا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن يەسلى مائارىپى ئاساسىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى.» بۈگۈنكى كۈندە، يەسلىدە 100دىن ئارتۇق بالا، 15 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچى بار.

سەككىز يىلدا، جوۋ لىنا كۆپ قېتىم ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى، يەنە «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.