ئانار بۇلۇت خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈندۈزدىن 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ۋە شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدىكەن.
سوغۇق ھاۋا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن (11-ئاينىڭ 25-كۈنى) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ لاۋفېڭكوۋ ئېغىزى، مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي، خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا 8~7 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن (11-ئاينىڭ 25-كۈنى) ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس بولدى، 3 بالدىن 4 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقتى، جەنۇبىي شەھەر رايونىدا 8 بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدىن 11-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزگىچە ئۈرۈمچىدە قېلىن قار ياغىدىكەن.
ئالدىنقى قېتىم قار ياغقاندا، نۇرغۇن دوستلار قىشلىق بالون ئالماشتۇرمىغاچقا، يول يۈزى مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولغاچقا، ئالدىدىكى ماشىنىلار بىلەن بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاشقا ئامالسىز قالغان. بۈگۈنكى ئوچۇق ھاۋادىن پايدىلىنىپ، قىشلىق بالوننى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېلىش كېرەك.
بەلكىم بەزى دوستلار قار ياغىدىغان كۈنلەر ئاز، ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن قار ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا قىشلىق بالوننى ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ، دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، بالوننىڭ يەرنى تۇتۇش كۈچىگە قار-مۇزلا ئەمەس، يەنە تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى بالوننى قاتتىقلاشتۇرۇپ، سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئوخشاش تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، قىشلىق بالون يۈزى تېخىمۇ يۇمشاق بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان يەرنى تۇتۇش كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.
مېتېئورولوگىيە تارمىقى ئەسكەرتىدۇكى، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرى، 30 چاقىرىملىق شامال رايونى، 100 چاقىرىملىق شامال رايونى قاتارلىق جايلاردا پەيتلىك شامال كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن، بوراننىڭ تاشيول، تۆمۈريول قاتناش تىرانسپورتى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك.