تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ساۋەندىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلدى

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسىدىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن زاكاز تالونلىرىغا ئۈلگۈرتۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىدى، قەدەمنى ياخشى ئالدى. يېقىندا ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسى ۋەندۇڭ سولياۋ بۇيۇملار زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان سولياۋ يوپۇقلارنى ئوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چىن شۆ)
شاڭخۇدى يېزىسىدا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن تۆتى، سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن ئىككىسى بار، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەرقايسى پىششىقلاش كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە.

زاۋۇت رايونى ھويلىسىغا سېتىش ئالدىدا تۇرغان سولياۋ يوپۇقلار دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.