تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. غەربىي شىمالدىكى +B دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆرگەزمە كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، كۆرگەزمىدە گېرمانىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوموبىل ماركىلىرى ۋە شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىنغان، مۇستەقىل ئاپتوموبىل ماركىلىرى قاتارلىق پۈتۈن يەرشارىدىكى 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ماركىسى توپلاندى. يىل بېشىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن يېڭى ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا نامايان بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسى ۋە نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىل كۆرمەكتە.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە: ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى ئاپتوموبىل مودېلى.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىل كۆرمەكتە.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەكتە.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، تور رىياسەتچىسى 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 12- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى 2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 315 خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەكتە.
مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى